باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى
100 دىن ئارتۇق مېيىپ كىشى بېيجىڭ ‹‹چيەنمېن›› كوچىسىغا بېرىپ ‹‹خەلقچىل ئو ت م››دىن ھۇزۇرلاندى
2008- 09- 16 10:56 شىنجاڭ گېزىتى

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 14 – سىنتەبىر تېلېگراممىسى. 100 دىن ئارتۇق مېيىپ كىشى 14 – سېنتەبىر دوست – يارەنلىرى ۋە پىدائىيلارنىڭ ھەمراھلىقىدا، ‹‹خەلقچىل ئو ت م›› نىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولغان  قايتا بېزەلگەن بېيجىڭ ‹‹چيەنمېن›› كوچىسىدا ئېكسكۇرسىيىدە بولدى.

   ئېكسكۇرسىيە ئەترىتىدىكىلەر تۆت گۇرۇپپا چۈشەندۈرگۈچىنىڭ يول باشلىشى بىلەن ‹‹چيەنمېن›› كوچىسىنىڭ شىمالىي ئېغىزىدىن باشلاپ يۆشېڭزەي، دابېي رەسىمخانىسى، ۋۇپەي سارىيى، گۇاڭخې سارىيى، شېڭشىفۇ، چۈەنجۈدې، دۇيىچۇ، شيەنيۈكۇ قاتارلىق مۇھىم ئورۇنلار ۋە داڭلىق كونا دۇكانلارنى ئارىلاپ كۆردى. ئۇلار بارغانلىكى جايدا توسالغۇسىز ئەسلىھەلەر ئارقىلىق ھەر قايسى مەنزىرىلىك نۇقتىلارنى كۆردى ۋە داڭلىق دۇكانلارغا كىرىپ كونا بېيجىڭنىڭ مەدەنىيىتىنى ھېس قىلغاچ، ‹‹ئىككى ئولىمپىك ئوخشاشلا قالتىس›› دېگەن شوئارنىڭ چوڭقۇر مەزمۇنىنى چۈشەندى.

   نۇرغۇن جاي ئۆزگەرتىلگەن ۋە رېمونت قىلىنغان بولسىمۇ، ‹‹چيەنمېن›› كوچىسى كونا بېيجىڭنىڭ خاسلىقىنى يوقاتماپتۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈپتۇ، دېدى بىر مېيىپ ساياھەتچى مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا قۇشقاچ قەپىزى ۋە كولدۇرما شەكىللىك يول چىراغلىرىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ. بۇ ساياھەتچى يەنە مۇنداق دېدى: قەدىمىي پايتەختنىڭ قىياپىتى ناھايىتى ياخشى ساقلانغاندىن باشقا، كونا بېيجىڭغا خاس ئىمارەت ۋە نامايەندە خاراكتېرلىك مەنزىرىلەر گەۋدىلەندۈرۈلۈپتۇ، ‹‹چيەنمېن›› كوچىسى ھەقىقەتەن ‹‹خەلقچىل ئو ت م››نى نامايان قىلىدىغان كۆزنەككە ئايلىنىپتۇ.

   14 – سېنتەبىردىكى پائالىيەت ‹‹مېيىپلەر بىلەن قول تۇتۇشۇپ، ئو ت م گە ئاتلىنايلى  مېيىپلەر ئو ت م دىن بەھرە ئالايلى›› يۈرۈشلۈك پائالىيەتلەرنىڭ بىرى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى بېيجىڭدىكى ھەر قايسى رايون، ناھىيىلەردىن كەلگەن مېيىپلەر ۋەكىللىرى خان ئوردىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى، مېترودىكى توسالغۇسىز ئەسلىھەلەردىن پايدىلاندى، ‹‹چاڭگا››غا بېرىپ مېيىپلەر ئو ت م نى كۆردى، ئولىمپىك مەركىزىي رايونىغا كېلىپ ئولىمپىك مەدەنىيىتىدىن ھۇزۇرلاندى.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ