باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>تەنتەربىيە خەۋەرلىرى
جۇڭگو مېيىپلەر ئو ت م شتانكا كۆتۈرۈش كوماندىسىدىن بىر ئايال، بىر ئەر ماھىر بىردىن ئالتۇن مېدال ئالدى
2008- 09- 16 10:54 شىنجاڭ گېزىتى

     شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 14 – سىنتەبىر تېلېگراممىسى. جۇڭگو مېيىپلەر ئو ت م ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى شتانكا كۆتۈرۈش كوماندىسى 14 – سىنتەبىر ئىككى ئالتۇن مېدال ئالدى. بۇ ئىككى ئالتۇن مېدالنىڭ بىرىنى پېشقەدەم ماھىر لى رۈيفاڭ ئاياللارنىڭ .5 82 كىلوگراملىقتىن يۇقىرى دەرىجىلىكلەر بويىچە، يەنە بىرىنى يېڭى ماھىر ليۇ لېي ئەرلەرنىڭ 75 كىلوگراملىقلار بويىچە ئالدى.

   بېيجىڭ مېيىلەر ئو ت م نىڭ 14 – سېنتەبىردىكى شتانكا كۆتۈرۈش مۇسابىقىسىدە، ئاياللارنىڭ 75 كىلوگراملىقلار، .5 82 كىلوگراملىقلار، .5 82 كىلوگراملىقتىن يۇقىرى دەرىجىلىكلەر ۋە ئەرلەرنىڭ 75 كىلوگراملىقلار بويىچە تۆت تۈردە مۇسابىقە كەسكىن  بولدى. جۇڭگو كوماندىسىدىن پېشقەدەم ماھىر لى رۈيفاڭ ئاياللارنىڭ .5 82 كىلوگراملىقتىن يۇقىرى دەرىجىلىكلەر مۇسابىقىسىدە 165 كىلوگراملىق نەتىجە بىلەن ئۆزى ساقلاپ كېلىۋاتقان مېيىپلەر ئو ت م نىڭ رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلاپ چېمپىيون بولدى.

   14 – سېنتەبىر ئەرلەر مۇسابىقىسى تۈرىدە يالغۇز 75 كىلوگراملىقلار بويىچىلا مۇسابىقە ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوماندىسىدىن 21 ياشقا توشمىغان يېڭى ماھىر ليۇ لېي ۋەكىل بولۇپ قاتناشتى. ئالدىنقى ئىككى قېتىملىق سىناپ كۆتۈرۈشتە ليۇ لېي 220 كىلوگرام ۋە .5 222 كىلوگراملىق نەتىجە بىلەن 1 – ئورۇندا تۇردى. 3 – قېتىملىق سىناپ كۆتۈرۈشتە ليۇ لېي 225 كىلوگراملىق شتانكىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك كۆتۈردى، ئىران ماھىرى مەجىد فاركىن 227.5 كىلوگراملىق ئېغىرلىقتىكى شتانكىنى كۆتۈرمەكچى بولغان بولسىمۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولمىدى. بۇنىڭ بىلەن ليۇ لېي بۇ دەرىجىلىكلەر بويىچە ئالتۇن مېدال ئالدى.

  ئاياللارنىڭ باشقا ئىككى دەرىجىدىكى مۇسابىقىسىدە، جۇڭگو كوماندىسىدىن جاڭ لىپىڭ ئاياللارنىڭ 75 كىلوگراملىقلار تۈرىدە مىس مېدال ئالدى. جۇڭگو كوماندىسىدىن زو جۆ ئاياللارنىڭ .5 82 كىلوگراملىقلار تۈرىدە جۇڭگو كوماندىسى ئۈچۈن يەنە بىر كۈمۈش مېدال ئېلىپ بەردى.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ