باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى
دېڭ پۇفاڭ جۇڭگولۇق تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ تاۋۇز چاغىنىنى تەبرىكلەپ: ۋەكىللەر ئۆمىكى بىزنىڭ ئائىلىمىز، دېدى
2008- 09- 16 10:50 شىنجاڭ گېزىتى

      شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 14 – سېنتەبىر تېلېگراممىسى. 14 – سېنتەبىر ئېلىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى  تاۋۇز چاغىنى. جۇڭگو مېيىپلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى، بېيجىڭ ئولىمپىك تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسى دېڭ پۇفاڭ  14 – سېنتەبىر چۈشتىن كېيىن مېيىپلەر ئولىمپىك كەنتىگە كېلىپ، جۇڭگو مېيىپلەر ئو ت م ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى تەنھەرىكەتچىلەردىن تاۋۇز چاغىنى مۇناسىۋىتى بىلەن ھال سورىدى.

   جۇڭگو مېيىپلەر ئو ت م ۋەكىللەر ئۆمىكى مېيىپلەر ئولىمپىك كەنتىنىڭ D  رايونىغا جايلاشقان بولۇپ، ۋەكىللەر ئۆمىكى تۇرىدىغان بىنانىڭ ئالدىغا ئاللىبۇرۇن ‹‹تاۋۇز چاغىنىدا ئاي تولدى›› دېگەن قىزىل خەتلىك پلاكات چاپلانغانىدى. ۋەكىللەر ئۆمىكى تۇرۇشلۇق بىنانىڭ يىغىن زالى ۋە بالكونىغا قىزىل پانۇس ئېسىلغان بولۇپ، ئۆم، ئىناق بولغان بايرام كەيپىياتى شەكىللەنگەنىدى.

   بۇ يىللىق تاۋۇز چاغىنى دەل مېيىپلەر ئو ت م ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان چاغدا يېتىپ كەلدى، شۇنىڭدەك ئېلىمىز بۇ يىل تاۋۇز چاغىنىنى تۇنجى قېتىم قانۇنلۇق دەم ئېلىش كۈنى قىلىپ بېكىتكەن يىل. مۇسابىقىنى ئاخىرلاشتۇرغان بىر قىسىم مۇكاپاتقا ئېرىشكەن تەنھەرىكەتچىلەردىن كاتېر مۇسابىقىسى چېمپىيونى دەن زىلوڭ، جۇ ياڭجىڭ، يېنىك ئاتلېتىكا ماھىرى ۋۇ چۈنمياۋ ھەم ئۇنىڭ يېتەكلەپ يۈگۈرگۈچىسى لى جيايۈ، ئەمالارنىڭ ئۈچ ئاتلاپ يىراققا سەكرەش چېمپىيونى لى رۈي، ئاياللارنىڭ نەيزە ئېتىش چېمپىيونى ياۋ جۈەن قاتارلىقلار بىر يەرگە جەم بولۇپ بايرام ئۆتكۈزدى.

   دېڭ پۇفاڭ تەنھەرىكەتچىلەر ئارىسىغا كېلىپ، ئۇلار بىلەن بىر – بىرلەپ قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى ھەم كۆپچىلىكنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىدى. جۇڭگو مېيىپلەر ئو ت م ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جيا يوڭ جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ نەتىجىسىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى. دېڭ پۇفاڭ مۇنداق دېدى: بۈگۈن تاۋۇز چاغىنى،  ئائىلە كىشىلىرى جەم بولىدىغان بايرام، كۆپچىلىك ئائىلىسىدىن ئايرىلىپ، مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن بېيجىڭغا كېلىپ، مېيىپلەر ئو ت م گە قاتناشتى ھەم ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. ۋەكىللەر ئۆمىكى بۈگۈن بىزنىڭ ئائىلىمىز، كۆپچىلىككە ئاي توقاچ تەييارلىدۇق، كۆپچىلىكنىڭ تاۋۇز چاغىنىغا مۇبارەك بولسۇن.

   دېڭ پۇفاڭ مۇنداق دېدى: بېيجىڭ مېيىپلەر ئو ت م نىڭ غەلىبىلىك ئۆتكۈزۈلۈشى ئېلىمىزنىڭ مېيىپلەر ئىشلىرىنىڭ تەرەققىي قىلغانلىقىنىڭ شۇنداقلا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش، ئىشىكنى ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 30 يىلدىن بۇيان قولغا كەلگەن نەتىجىلەرنىڭ مەركەزلىك ئىپادىلىنىشى. مېيىپلەر ئو ت م ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ مېيىپلەرنىڭ ئاممىۋى پائالىيەتكە قاتنىشىشىنى، تېخىمۇ كۆپ مېيىپ دوستلارنىڭ چېنىقىپ، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش سەۋىيىسى  بىلەن تەن ساپاسىنى ئۆستۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ