باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى
جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر زور ئۇتۇقلىرى بىلەن تاۋۇز چاغىنىنى قۇتلۇقلىدى
2008- 09- 16 10:46 شىنجاڭ گېزىتى

   شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 14 – سېنتەبىر تېلېگراممىسى. جۇڭگونىڭ مېيىپ تەنھەرىكەتچىلىرى بۈگۈن كېچە ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن جەم بولالمايدۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نۇرغۇن كىشى ئۈچۈن بۈگۈن بەخت ئىچىدە ئۆتكەن تاۋۇز چاغىنى بولدى، ئۇلار ئاجايىپ ‹‹ئاي توقاچ››قا ئېرىشتى.

   14 – سېنتەبىر جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى  تاۋۇز چاغىنى، شۇنداقلا جۇڭگو ماھىرلىرى بېيجىڭ مېيىپلەر ئو ت م دە ئالتۇن مېدالغا ئەڭ كۆپ ئېرىشكەن كۈن. ئۇلار يېنىك ئاتلېتىكا، شتانكا كۆتۈرۈش، سۇ ئۈزۈش، ئوقيا ئېتىش، ئاياللارنىڭ ئولتۇرۇپ ۋالىبول ئويناش تۈرى، ئەمالار ئىشىك توپى تۈرلىرىدە جەمئىي 14 ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى، ئالتۇن مېدال 63 كە يېتىپ، ئومۇمىي مېدال سانى 159 غا يەتتى.

   جۇڭگو ئاياللار ئولتۇرۇپ ۋالىبول ئويناش كوماندىسى تۆت يىل ئىلگىرى ئافىنادا ئۆتكۈزۈلگەن مېيىپلەر ئو ت م دە چېمپىيون بولغانىدى، 14 – سېنتەبىر ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ئۇلار 0 گە قارشى 3 نەتىجە بىلەن ئامېرىكا كوماندىسىنى يېڭىپ، تاۋۇز چاغىنىدا يەنە چېمپىيون بولدى.

   ‹‹چاڭگا›› بۈگۈن جۇڭگو ماھىرلىرى ئەڭ كۆپ ئالتۇن مېدال ئالغان سەھنىگە ئايلاندى. بۈگۈن تارقىتىلغان 18 ئالتۇن مېدالنىڭ ئالتىسىنى جۇڭگو ماھىرلىرى ئالدى. 25 ياشلىق جاڭ لىشىن باشتا ئەرلەرنىڭ مېيىپلەر ھارۋىسىنى 200 مېتىرغا چاپتۇرۇش تۈرىدەT54  دەرىجىلىكلەر مۇسابىقىسىدە ئالتۇن مېدال ئالدى، ئارقىدىن سەپدىشى بىلەن ھەمكارلىشىپ 400×4 كۈچ ئۇلاپ چاپتۇرۇش مۇسابىقىسىدە54/T53  دەرىجىلىكلەر بويىچە چېمپىيون بولدى ھەم دۇنيا رېكورتىنى يېڭىلىدى، ئۇ بۇنىڭدىن ئىلگىرى 400 مېتىر ۋە 400×4 غا كۈچ ئۇلاپ چاپتۇرۇش تۈرىدە ئالتۇن مېدال ئالغان ئىدى، ئۇ جۇڭگو ماھىرلىرى ئىچىدە ئىسمى – جىسمىغا لايىق ‹‹ئالتۇن مېدال شاھى››غا ئايلاندى. ئۇنىڭدىن باشقا، يەنە ئىككى پۇتى تۇغما يىگىلىگەن گو ۋېي ئەرلەرنىڭ نەيزە ۋە دىسكا ئېتىش تۈرىدە چېمپىيون بولغاندىن كېيىن، چويۇن توپ ئېتىش36/F35  دەرىجىلىكلەر تۈرىدە چېمپىيون بولدى. ئايال ماھىرىمىز مى نا دىسكا ئېتىشتا 38–F37  دەرىجىلىكلەر تۈرىدە 2 – ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى. بۇلاردىن باشقا، پېشقەدەم ماھىرىمىز فەن لياڭ ئەرلەرنىڭ دىسكا ئېتىش تۈرىدە 54–53F  دەرىجىلىكلەر مۇسابىقىسىدە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى، كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىز ماھىرىمىز تاڭ خۇڭشيا ئاياللارنىڭ چويۇن توپ ئېتىش تۈرىدە13/F12  مۇسابىقىسىدە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى.

   جۇڭگونىڭ مېيىپلەر ھارۋىسىدىكى قېلىچۋازلىق ماھىرلىرىدىن يې رۇيى بىلەن جاڭ لېي ئەرلەرنىڭ شەخسىلەر يەڭگىل قېلىچ A دەرىجىلىكلەر تۈرىدە بىرىنچى ۋە ئىككىنچى بولدى، خۇ داۋلياڭ فرانسىيە ماھىرىنى يېڭىپ، ئەرلەرنىڭ شەخسلەر يەڭگىل قىلىچB دەرىجىلىكلەر تۈرىدە چېمپىيون بولدى. يەنە بىر مەيداندىكى قېلىچۋازلارمۇ بوش كەلمىدى، 19 ياشلىق ماھىرىمىز چېڭ چاڭجيې ئەرلەرنىڭ شەخسلەر ئەگمە ئوقيا ئولتۇرۇپ ئېتىش 1 – دەرىجىلىكلەر2 – دەرىجىلىكلەر تۈرىدە چېمپىيون بولدى. شتانكا كۆتۈرۈش مەيدانىدا، ياش ماھىرىمىز ليۇ لېي بىلەن پېشقەدەم ماھىرىمىز لى رۈيفاڭ ئەرلەرنىڭ 75 كىلوگراملىقلار ۋە ئاياللارنىڭ 5. 82 كىلوگراملىقلاردىن يۇقىرى دەرىجىلىكلەر تۈرىدە چېمپىيون بولدى. ‹‹سۇ كۇپى››دا جۇڭگونىڭ داڭلىق ماھىرى ۋاڭ شياۋفۇ ئەرلەرنىڭ 50 مېتىرغا ئەركىن ئۈزۈش تۈرىنىڭS8  دەرىجىلىكلەر مۇسابىقىسىدە 2 – ئالتۇن مېدالنى ئالدى ھەم ئۆزى ساقلاپ كېلىۋاتقان دۇنيا رېكورتىنى يېڭىلىدى. جۇڭگونىڭ ئەما ئەرلەر، ئاياللار ئىشىك توپ كوماندىلىرىمۇ بوش كەلمىدى، ئەرلەر كوماندىسى ئالتۇن مېدالغا، ئاياللار كوماندىسى كۈمۈش مېدالغا ئېرىشتى.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ