|
14 – سېنتەبر كەچتە ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك گۇيلىن يولى غەربىي بىرىنچى كوچىدا ئولتۇرۇشلۇق جوۋ ئەر – ئايال ، تاۋۇز چاغىنى مۇناسىۋىتى بىلەن ( ئۆز ئۆيىنىڭ ئاستىنقى قەۋىتى ) بىرىنچى قەۋەتتىكى قىزىنىڭ ئۆيىگە تاماق يېيىشكە چۈشكەن ، ھەمدە ئۇ يەردە قونۇپ قالغان . جوۋ ئەر – ئايال 14 – سېنتەبر كەچتە ئۆيدىن ئايرىلغاندا گاز ئەسلىھەلىرىنى تولۇق تەكشۈرمىگەنلىك سەۋەبىدىن ، 15 – سېنتەبر سەھەر سائەت ئالتە ئەتراپىدا جوۋنىڭ ئۆيىدە گاز تۇڭىدىن سۇيۇقلاندۇرۇلغان گاز ئېقىپ كېتىپ ، گاز پارتلاش ۋەقەسى يۈز بېرىپ ، قىزىنىڭ ئۆيىنىڭ تورۇسى گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈپ ، جوۋ ئەر – ئايال نەق مەيداندا قازا قىلغان ، قىزى بىلەن جوۋ ئەپەندى ئۆينى ئىجارىگە بەرگەن ئىككى ئادەم ئېغىر دەرىجىدە يارىلانغان . ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك جىددىي ئەھۋالدىن مۇداپىئە كۆرۈش ئىشخانىسى تېزلىكتە نەق مەيدانغا يېتىپ بېرىپ ، قۇتقۇزۇش خىزمىتى ئېلىپ بارغان.
|