باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئۈرۈمچى خەۋەرلىرى
ئۈرۈمچى شەھىرىدە كادىرلار يىغىنى ئېچىلىپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەشتە پولاتتەك سېپىل سېلىش تەلەپ قىلىندى
2008- 09- 16 10:04 شىنجاڭ گېزىتى

      11 – سېنتەبىر چۈشتىن كېيىن ، ئۈرۈمچى شەھىرىدە كادىرلار يىغىنى ئېچىلىپ ، ئاپتونوم رايونلۇق كادىرلار يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ رەئىس نۇر بەكرىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئەستايىدىل يەتكۈزۈلۈپ ، ئۈرۈمچىدىكى ھەر مىللەت كادىرلىرى ، ئامما ئىدىيىنى تېخىمۇ بىرلىككە كەلتۈرۈپ ، تونۇشنى ئۆستۈرۈپ ، ئومۇمىيەتنى ئىگىلەپ ، ھازىرقى مۇقىملىق خىزمىتىنى بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ ياخشى تۇتۇپ ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەشتە ئۈزلۈكسىز يېڭى غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشكە، ئاپتونوم رايون ۋە مەركىزىي شەھەرنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىشقا سەپەرۋەر قىلىندى.

   ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، ئۈرۈمچى – سانجى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى لى جى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

   لى جى يىغىندا مۇنداق كۆرسەتتى: ئۈرۈمچى ئاپتونوم رايوننىڭ مەركىزى بولۇش سۈپىتى بىلەن  بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەشنىڭ 1 – سېپىدە تۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ، ئۇنىڭ ئاپتونوم رايون شۇنداقلا مەملىكەتنىڭ مۇقىملىقى جەھەتتە مەسئۇلىيىتى ئېغىر، ۋەزىپىسى جاپالىق. بۇ يىل ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، ھۆكۈمەت، ئالاقىدار تارماقلار ۋە ئورۇنلار، بولۇپمۇ ج خ، سىياسى – قانۇن تارماقلىرى، ئاساسىي قاتلام كوچا، مەھەللىلەر چوڭقۇر ۋە ئەتراپلىق خىزمەت ئىشلەپ، چېگرا ئىچى – سىرتىدىكى دۈشمەن كۈچلەرنىڭ بېيجىڭ ئو ت م گە قاراتقان بۇزغۇنچىلىق سۇيىقەستىگە ئۈنۈملۈك زەربە بېرىپ ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئۈرۈمچىدىن ئىبارەت ئاپتونوم رايوننىڭ مۇقىملىقىنى قوغداشتىكى بۇ مۇھىم قورغاندا ھېچقانداق زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋەقەسى يۈز بەرمەسلىككە، دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان چوڭ سىياسىي ۋەقە چىقماسلىقىغا، كەڭ كۆلەملىك ئاممىۋى ۋەقە چىقماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلدى.

   ئۇ مۇنداق دېدى: ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەربتىكى دۈشمەن كۈچلەر ‹‹غەربلەشتۈرۈش››، ‹‹پارچىلاش›› سىياسىتىنى يولغا قويۇش جەريانىدا ئۈرۈمچىنى ئاتالمىش ‹‹شىنجاڭ مەسىلىسى›› دىن ئىبارەت بۇ بۆسۈش ئېغىزىنىڭ ئالدىنقى سېپى قىلدى؛ چېگرا ئىچى – سىرتىدىكى ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› قاتارلىق دۈشمەن كۈچلەر ئىزچىل ئۈرۈمچىنى مۇھىم نىشان قىلىپ، پۇرسەت تاپسىلا زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋاسىتىسى ئارقىلىق بۆلگۈنچىلىك، بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، بىز دۇچ كېلىۋاتقان كۈرەش ۋەزىيىتىنى يەنىلا مۇرەككەپ ۋە كەسكىن. خەلقنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى زىددىيەت تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان ئەرز – شىكايەت ۋە ئاممىۋى ۋەقەلەر يەنىلا كۆپ يۈز بېرىپ، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىغا ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىۋاتىدۇ.

   لى جى ئاخىرىدا مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن كېيىن بىز ‹‹تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتۈش، باش كۆتۈرگەن ھامان زەربە بېرىش، دۈشمەننى ئاۋۋال قول سېلىپ يوقىتىش›› پرىنسىپىدا داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، ھەر خىل مىللىي بۆلگۈنچىلىك تەشكىلاتلىرى ۋە زوراۋانلىق، تېررورلۇق شايكىلىرىغا ھەر تەرەپتىن كۈچلۈك زەربە بېرىپ، دۈشمەنلەرنىڭ رېئال خەۋپ شەكىللەندۈرۈشىگە قەتئىي يول قويماسلىقىمىز كېرەك.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ