باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>پەن–مائارىپ
سۈرەتلىك خەۋەرلەر
2008- 09- 16 09:59 تەڭرىتاغ تورى

     * ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تۇرغۇنجان ئىمىن خەۋىرى ، فوتوسى : مارالبېشى ناھىيىسىنىڭ چوڭقۇرچاق يېزا تۈگمەنبېشى 6–كەنتىدە ئەسلىھەلىرى تولۇق ، زامانىۋى ‹‹قوش تىل›› بالىلار باغچىسى قۇرۇلۇپ ، دېھقان–چارۋىچىلار پەرزەنتلىرىنىڭ ئوقۇشتىن ئاۋالقى‹‹قوش تىل››تەربىيىسىنى قوبۇل قىلىشىغا ياخشى شارائىت يارىتىپ بېرىلدى.
      يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان ، چوڭقۇرچاق يېزىلىق پارتكوم ، يېزىلىق خەلق ھۆكۈمىتى تۈگمەنبېشى كەنتىدىكى ئاممىنىڭ كۈچلۈك تەلىپى ۋە دەۋرنىڭ نۆۋەتتىكى ئېتىياجىنى كۆزدە تۇتۇپ ، بۇ يىل 3-ئايدىن باشلاپ ، يېزا مالىيىسىدىن 800مىڭ يۈەن ئاجرىتىپ ، تۈگمەنبېشى كەنتى ‹‹قوش تىل›› بالىلار باغچىسى قۇرۇلۇشىنى باشلىغان ئىدى. ئومۇمىي يەر كۆلىمى 15مو ، قۇرۇلۇش كۆلىمى 483 كۋادىرات مېتىر بولغان ، سىنىپ ، ئىشخانا ، ئاشخانا ، پائالىيەت ئۆيى ، تۇرمۇش ئۆيى بىر گەۋدىلەشكەن ، بالىلار ۋېلىسپىتى قاتارلىق ئويۇنچۇقلار سەپلەنگەن ، ھويلىلىرى كۆكەرتىلگەن ، يېڭى بىر زامانىۋى بالىلار باغچىسى بۇ يىل 6–ئايدا پۈتۈپ ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇپ بېرىلدى. ھازىر بۇ بالىلار باغچىسىدا كەنتتىكى دېھقان–چارۋىچىلارنىڭ 65 نەپەر پەرزەنتى تەربىيىلەنمەكتە.

بالىلار ئوقۇتقۇچىنىڭ يىتەكچىلىكىدە خەنزۇچە ساناشنى ئۆگەنمەكتە

خۇشال–خورام ئويناۋاتقان بالىلار

      * ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مۇساجان ياسىن خەۋىرى ، فوتوسى: 15–سېنتەبر ، قاغىلىق ناھىيە چوپان يېزىلىق پارتكوم ، يېزىلىق خەلق ھۆكۈمىتى 30نەپەر مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى، پىئونېرلار يېتەكچىسى ، ئىتتىپاق كادىرى ۋە ‹‹ ئىككى ئاساسەن ››خىزمىتىدىكى ئۈلگىلىك شەخسلەر شۇنداقلا مائارىپنى قوللىغانئالتە ئۈلگىلىك كەنتلەرنى ماددىي بۇيۇم بىلەن مۇكاپاتلىدى .

مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلار مۇكاپاتلانماقتا 

ئۈلگىلىك كەنت كادىرلىرى مۇكاپات تاپشۇرۇپ ئالماقتا

     * ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز  ھۆسىيىن مەمىتىمىن خەۋىرى، فوتوسى: يېڭىسار ناھىيىلىك مائارىپ ، پەن–تېخنىكا ئىدارىسى ‹‹ئىككى ئاساسەن››خىزمىتىنى كېلەر يىلى مەركەز ۋە ئاپتونوم رايونغا نەتىجىلىك ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە تېخىمۇ پۇختا ئاساس سېلىش ئۈچۈن، 9–ئاينىڭ 12–كۈنىدىن 13–كۈنىگىچە كۇرس ئېچىپ ، ناھىيە تەۋسىدىكى 88 ئوتتۇرا ، باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ مۇدىرلىرى بىلەن 100 گە يېقىن تايانچ ئوقۇتقۇچىنى ‹‹ئىككى ئاساسەن›› ئارخىپ ماتېرىياللىرىنى تەلەپكە لايىق ئىشلەش بىلىملىرى بويىچە سىستېمىلىق تەربىيىلەپ ، ئۇلارنى مول نەزىرىيىۋى بىلىمگە ئىگە قىلدى.

كۈرسانتلار دەرس ئاڭلىماقتا

 

( مۇھەررىر : قەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ