باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>پەن–مائارىپ
دۆلەت شىنجاڭنىڭ ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار ‹‹قوش تىل››مائارىپىنى قوللاش ئۈچۈن بەش يىلدا 375 مىليون مەبلەغ سالماقچى
2008- 09- 16 09:50 شىنجاڭ گېزىتى

   دۆلەت بۇ يىلدىن باشلاپ ‹‹شىنجاڭدا ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› بالىلار باغچىسى سېلىش قۇرۇلۇشى ۋە شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەت بالىلىرىنىڭ ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار ‹‹قوش تىل›› مائارىپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، بەش يىلدا 375 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، شىنجاڭنىڭ ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار ‹‹قوش تىل›› مائارىپىنى قوللاشنى قارار قىلدى.

   11 – سېنتەبىر، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جىن نو ئاپتونوم رايوننىڭ ‹‹ئىككى ئاساسەن›› خىزمىتىدىن دوكلات بېرىش يىغىنىدا يۇقىرىقى ئۇچۇرنى يەتكۈزدى. ئۇنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئاپتونوم رايون ‹‹باشلانغۇچتىن باشلاپ تۇتۇش، ئوقۇتقۇچىلاردىن باشلاپ تۇتۇش›› فاڭجېنىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار ۋە باشلانغۇچتىكى ‹‹قوش تىل›› ئوقۇتۇشىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ھەرقايسى ئوقۇش باسقۇچىدىكى ‹‹قوش تىل›› ئوقۇتۇشى ئۆزئارا باغلانغان، ھەرقايسى پەن ئوقۇتۇشى ئۆزئارا سىڭىشكەن ‹‹قوش تىل›› ئوقۇتۇش سىستېمىسىنى پەيدىنپەي شەكىللەندۈرۈپ، ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار ‹‹قوش تىل›› مائارىپىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، 2012 – يىلىغا بارغاندا يېزىلاردىكى %85 تىن ئارتۇق ئاز سانلىق مىللەت بالىلىرىنى ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار ‹‹قوش تىل›› مائارىپى تەربىيىسىگە ئىگە قىلىدىكەن.

   ئىگىلىشىمچە، يېقىنقى ئۈچ يىلدىن بېرى، ئاپتونوم رايون ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار ‹‹قوش تىل›› مائارىپىغا 206 مىليون يۈەن راسخوت ئاجرىتىپ،  ئاساسلىقى بالىلار تاماق ياردىمى، ئوقۇشلۇق كىتاب ياردىمى، ئوقۇتقۇچىلار مائاش ياردىمى ۋە ‹‹قوش تىل›› بالىلار باغچىسى ئاساسىي قۇرۇلۇش ياردىمىگە ئىشلەتكەن. بۇنىڭدىن ئاز سانلىق مىللەتتىن بولغان ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلاردىن 333 مىڭ ئادەم (قېتىم) مەنپەئەتلەنگەن، 4054 ئوقۇتقۇچى مائاش ياردىمىگە ئېرىشكەن، ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار ‹‹قوش تىل›› مائارىپىدىكى 340 تىن ئارتۇق ئاپپاراتنىڭ مەكتەپ بىناسى رېمونت قىلىنغان.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ