باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئىجتىمائىي خەۋەرلەر
بۇ يىل، شىنجاڭ ھەربىي رايونى تۇنجى قېتىم يەرلىكتىن ئاشپەزلىكنى بىلىدىغان ياشلارنى ئەسكەرلىككە قوبۇل قىلىدۇ
2008- 09- 15 11:02 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

       بۇ يىل، شىنجاڭ ھەربىي رايونى تۇنجى قېتىم يەرلىكتىن ئاشپەزلىكنى بىلىدىغان ياشلارنى ئەسكەرلىككە قوبۇل قىلىدۇ. قوبۇل قىلىنىدىغانلارنىڭ شەرتى تۆۋەندىكىچە: ئاشپەزلىك مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ياكى مەكتەپنى پۈتتۈرگەن يېشىغا يەتكەن ياشلار بولۇشى، نوپۇسى چوقۇم شىنجاڭدا، يېشى 18 ياشتىن 22 ياشقىچە بولۇشى، ئوتتۇرا تېخنىكومدىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولۇشى ھەمدە جۇڭگوچە تاماق ئېتىش كەسپىي سالايىھىتىگە ئىگە بولغان ھەر مىللەت ياشلىرى بولۇشى كېرەك.
      ئىگىلىنىشىچە، بۇ لەنجۇ ھەربىي رايونىنىڭ شىنجاڭ، گەنسۇ، نىڭشيا قاتارلىق ئۈچ ئۆلكە، ئاپتونوم رايوندىن ئاشپەز قوبۇل قىلىش سىناق نۇقتا خىزمىتىنى يولغا قويۇشى، شۇنداقلا قىسىمنىڭ ئارقا سەپ قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ ، تاماق كاپالەت ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرىدىغان مۇھىم تەدبىرى ھېسابلىنىدىكەن. ئەسكەرلىككە قوبۇل قىلىندىغان ياشلار كىملىكى، ئوقۇش تارىخى دىپلومى ۋە دۆلەت ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىكى تارقىتىپ بەرگەن جۇڭگوچە تاماق ئېتىش سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى قاتارلىق ئالاقىدار كىنىشكىلارنى ئېلىپ ، بىۋاستە ھەربىي رايون بىرلەشمە ئارقا سەپ تەمىنات بۆلۈمى ھەربىي لاۋازىمات ماددى ئەشيا ، ياغلىقدان باشقارمىسىغا كېلىپ ياكى تېلېفون ئارقىلىق تىزىمغا ئالدۇرسا بولىدىكەن. 

 

( مۇھەررىر : قەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ