باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى
مەملىكەت خەۋەرلىرى
2008- 09- 12 15:26 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

      ·دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى جياڭ يۈ 11 – سېنتەبىر ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۆتۈۋېلىش يىغىنىدا، 19–نۆۋەتلىك جۇڭگو– ئامېرىكا سودا بىرلەشمە كومىتېتى يىغىنىنىڭ 16 – سېنتەبىر ئامېرىكىنىڭ لوس ئانژىلىس شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى ھەمدە مۇئاۋىن زۇڭلى ۋاڭ چىشەن ۋە ئامېرىكا سودا مىنىستىرى گۇتىلىس، سودا ۋەكىلى شىۋابنىڭ بۇ قېتىملىق يىغىنغا ئورتاق رىياسەتچىلىك قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

      .ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن مىنىسىتىرى جاڭ شياۋجيەن يېقىندا جۇڭگو ھۆكۈمەت تورىنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى:‹‹ ۋېنچۈەن يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچىرىغان رايوندىكى ئەمگەكچىلەرنى باشقا جايلارغا بېرىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا رىغبەتلەندۈرۈش ئۈچۈن، دۆلەت ئۈچ تۈرلۈك تولۇقلىما بېرىش سىياسىتىنى يولغا قويىدۇ، ئاپەت يۈز بەرگەن رايوندىكى ئامما ئىشقا ئورۇنلىشىش بويىچە تەربىيىلىنىشكە قاتناشسا، ھۆكۈمەت بىر قېتىملىق تەربىيىلىنىش تولۇقلىما ياردىمى بېرىدۇ›› .

     .پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى لى چاڭچۈن 11 – سېنتەبىر بېيجىڭ ‹‹خەلق›› سارىيىدا رەئىس لوتار بىسجى باشچىلىقىدىكى ياۋروپا سول قانات پارتىيىسى ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى.

 

 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ