|

لى كېچياڭ يىغىندا سۆز قىلماقتا
دۆلەت نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ قوشۇمچە ۋەزىپە ئۆتىگۈچى ئەزالار يىغىنى 11 – سېنتەبىر بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى لى كېچياڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:‹‹ نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتى خەلقنىڭ تۇرمۇش، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتى ھەمدە دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم ئىش . نۆۋەتتە، ئېلىمىزنىڭ نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتى تۆۋەن تۇغۇت سەۋىيىسىنى مۇقىملاشتۇرىدىغان، نوپۇس مەسىلىسىنى بىر تۇتاش ھەل قىلىدىغان، كىشىلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېڭى باسقۇچقا كىردى، ۋەزىپە تېخىمۇ مۈشكۈل. شۇڭا ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئىناق سوتسىيالىستىك جەمئىيەت بەرپا قىلىشنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، يېڭى دەۋردىكى نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىنى ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىش روھى بويىچە ئومۇميۈزلۈك ياخشى ئىشلەپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك ، ماس، ئىمكانىيەتلىك تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈنۈملۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلىشىمىز كېرەك›› .
|