|
ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى ئوقۇغۇچىلىرى خىزمىتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى سۈن چىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ يىل ئاپتونوم رايون رايون ئىچى تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپلىرىنىڭ 2400 دىن ئارتۇق ئوقۇتقۇچى، ئىشچى – خىزمەتچىسىگە تۈرلۈك قوشۇمچە ياردەم پۇلى تارقىتىپ بېرىش ئۈچۈن، مالىيىدىن 27 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ ئاجرىتىدىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىز 2004 – يىلى رايون ئىچى تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپى تەسىس قىلغان. بۇنداق قىلىشتىكى مەقسەت — دېھقان – چارۋىچى ۋە چەت، يىراق نامرات رايونلاردىكى ياشلار – ئۆسمۈرلەرنى ياخشى ئاساسىي مائارىپتىن بەھرىمەن قىلدۇرۇش بىلەن بىرگە، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىنى يۇقىرى ساپالىق ئوقۇغۇچىلار مەنبەسى بىلەن تەمىنلەشتىن ئىبارەت ئىكەن.
سۈن چى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى:‹‹ئاپتونوم رايون ئىچى تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپلىرىدا ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېشى كىچىك بولغاچقا، ئوقۇتقۇچى ۋە ئىش – خىزمەتچىلەر، ئوقۇتۇش ئىشلىرى ياكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈش جەھەتتە بولسۇن، باشقا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرىغا قارىغاندا تېخىمۇ كۆپرەك ئەجىر سىڭدۈرىدۇ. بۇ قېتىم ئۇلارغا قوشۇمچە ياردەم پۇلى تارقىتىپ بېرىشىمىز— ئۇلارنىڭ جاپالىق ئەجرىگە جاۋاپ قايتۇرۇش بىلەن بىرگە يەنە ئۇلارنىڭ خىزمىتىنى ئېتىراپ قىلىشتىن ئىبارەت.››
ئۈرۈمچى 66 – ئوتتۇرا مەكتەپ 8 – يىللىقنىڭ ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى يۈ رۈيشياڭ ھۆكۈمەتنىڭ ئۇلارغا قوشۇمچە ياردەم پۇلى تارقىتىپ بېرىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ، ئىنتايىن ھاياجانلاندى. ئۇ مۇنداق دېدى:‹‹پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ بىزگە ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقىنىغا رەھمەت ئېيتىمىز.››
ئىگىلىنىشىچە، نۆۋەتتە ئاپتونوم رايون ئۈرۈمچى، قاراماي، شىخەنزە، كۈيتۈن، سانجى، ئاقسۇ، كورلا، قۇمۇل قاتارلىق سەككىز شەھەردە، ئاپتونوم رايون ئىچى تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپىدىن 17نى ئاچقان بولۇپ، ئوقۇغۇچى سانى 15 مىڭدىن ئاشقان.
|