|
نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ نۇقتىلىق قۇرۇلۇشى— شىنجاڭ جۇڭتەي خىمىيىسى باغچىلاشقان سانائەت رايونىنىڭ 2 – قارارلىق قۇرۇلۇش تۈرىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەر تېز ئىشلەنمەكتە، مۆلچەرلىنىشىچە، 2009 – يىلى ئۆكتەبردىن بۇرۇن قۇرۇلۇش پۈتۈپ، ئىشقا كىرىشتۈرىلىدىكەن.
جەمئىي 4 مىليارد 200 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىدىغان جۇڭتەي خىمىيىسى باغچىلاشقان سانائەت رايونىنىڭ 2 – قارارلىق قۇرۇلۇشى يىلىغا 360 مىڭ توننا پولىۋىنىل خلورىد دېۋىرقىيى ۋە 300 مىڭ توننا ئىئون پەردىلىك كۆيدۈرگۈچى ئىشقار ئىشلەپچىقىرىش، يۈرۈشلەشكەن 135×2 مىڭ كېلوۋاتلىق ئىسسىقلىق بىلەن توكنى بىرلىكتە ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلمىسى ۋە 1 مىليون توننا كالتىسىي كاربىد داشقىلىدىن سېمونت ياساش تۈرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، تۈر پۈتكەندىن كېيىن، يىللىق تىجارەت كىرىمىنى يېڭىدىن 4 مىليارد 200 مىليون يۈەن ئاشۇرىدۇ. بۇ تۈردە بۇ يىل ئاپرېلدا قۇرۇلۇش باشلانغاندىن بۇيان، تۈرلۈك خىزمەتلەر ئوڭۇشلۇق بولدى، تۈردە ئەمەلىيلەشكەن توختام مەبلىغى 2 مىليارد يۈەنگە يەتتى.
جۇڭتەي خىمىيىسى باغچىلاشقان سانائەت رايونىنىڭ 2 – قارارلىق قۇرۇلۇشى تاماملانغاندىن كېيىن، جۇڭتەي خىمىيىسى يىلىغا 1 مىليون توننا پولىۋىنىل خلورىد دېۋىرقىيى ۋە 1 مىليون توننا كۆيدۈرگۈچى ئىشقار ئىشلەپچىقىرالايدىغان، مەھسۇلات قىممىتى 10 مىليارد يۈەندىن ئاشىدىغان ئالاھىدە چوڭ تىپتىكى كارخانا بولۇپ قالىدىكەن.
|