|
11 – سېنتەبر چۈشتىن كىيىن، ئاپتونوم رايون ‹‹ئىككى ئاساسەن خىزمىتى›› دىن دوكلات بىرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزغا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپى بىلەن ياش، ئوتتۇرا ياشلىقلار ئارسىدىكى ساۋاتسىزلىقنى تۈگىتىش ئەھۋالىنى نۇسقا ئىلىپ تەكشۈرۈشكە كەلگەن دۆلەت مائارىپ مۇپەتتىشلىكى ئۆمىكىگە خىزمەتلەرنى دوكلات قىلدى. ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن ئەركىنجان تۇراخۇن، جىن نو، كې لىلار يىغىنغا قاتناشتى.
ئاپتونوم رايونىمىز 1995 – يىلى ‹‹ئىككى ئاساسەن›› خىزمىتىنى يولغا قويغان بولۇپ، 2007 – يىلىنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 93 ناھىيە، شەھەر، رايون ئىچىدە، 92 ناھىيە، شەھەر ‹‹ئىككى ئاساسەن›› ئۆلچىمىگە يەتكەن، ‹‹ئىككى ئاساسەن›› ئۆلچىگە يەتكەن نوپۇسنىڭ قاپلاش نىسبىتى%99.8 كە يەتكەن. ياش، ئوتتۇرا ياشلار ئارسىدىكى ساۋاتسىزلىقنى تۈگىتىش نىسبىتى %97 يۇقىرى بولغان. قايتا ساۋاتسىز بولۇش نىسبىتى %5 ئىچىدە كونتىرول قىلىنىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى بەلگىلىگەن ‹‹ئىككى ئاساسەن›› ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش پىلان كۆرسەتكۈچى مۇددەت ئىچىدە ئورۇندالغان.
ئىگىلىنىشچە، 10 – سېنتەبردىن 21 – سېنتەبرگىچە، دۆلەت مائارىپ مۇپەتتىشلىكى ئۆمىكى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ‹‹ئىككى ئاساسەن›› خىزمىتىنى نۇسخا ئىلىپ تەكشۈرىدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ قىسمەن ناھىيە، شەھەرلىرىدە ‹‹ئىككى ئاساسەن›› خىزمىتىنى مۇستەھكەملەش ئەھۋالى توغرىسىدا ئەمەلىي تەكشۈرۈش ئىلىپ بىرىپ، خىزمەتلەرگە يېتەكچىلىك قىلىدىكەن.
كېلەر يىلى، ئاپتونوم رايونىمىز دۆلەتنىڭ ‹‹ئىككى ئاساسەن›› خىزمىتىنى مۇستەھكەملەش بويىچە تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلىدۇ.
|