باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى
مەملىكەتلىك ئوتتۇرا – كىچىك تىپتىكى كارخانىلارغا ئىناۋەت جەھەتتە كېپىللىك بېرىش ئاپپاراتلىرى مەسئۇللىرىنىڭ 9 – نۆۋەتلىك بىرلەشمە يىغىنى ئېچىلدى
2008- 09- 12 11:26 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

     مەملىكەتلىك ئوتتۇرا – كىچىك تىپتىكى كارخانىلارغا ئىناۋەت جەھەتتە كېپىللىك بېرىش ئاپپاراتلىرى مەسئۇللىرىنىڭ 9 – نۆۋەتلىك بىرلەشمە يىغىنى تۈنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچىدە باشلاندى.

     بۇ قېتىمقى يىغىندا، مەملىكىتىمىزدىكى كېپىللىك بېرىش سوممىسى 50 مىليارد يۈەنگە يېتىدىغان ئاپپاراتلارنىڭ تىزىملىكى، مەملىكەتلىك ئوتتۇرا – كىچىك تىپتىكى كارخانىلارغا ئىناۋەت جەھەتتە كېپىللىك بېرىش ئاپپاراتلىرىنىڭ تەرەققىيات دوكلاتى ئېلان قىلىنىپ، كەسپىي جەھەتتە مەخسۇس مۇھاكىمە قىلىنىدۇ ھەمدە تەكلىپ قىلىنغان ئىقتىسادشۇناسلار نۇتۇق سۆزلەيدۇ.

     ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئوتتۇرا – كىچىك تىپتىكى كارخانىلارغا ئىناۋەت جەھەتتە كېپىللىك بېرىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشى مەملىكەت بىلەن تەڭ قەدەمدە يەنى 1999 – يىلى باشلانغان بولۇپ، نۆۋەتتە، سىياسەت خاراكتېرلىك كېپىللىك بېرىش ئاپپاراتلىرىنى ئاساس؛ سودا خاراكتىرلىك ۋە ئۆز – ئارا ياردەم بېرىش خاراكتىرلىك كېپىللىك بېرىش ئاپپاراتلىرىنى قوشۇمچە قىلغان كېپىللىك بېرىش سىستېمىسى شەكىللەندى. بۇلتۇرنىڭ ئاخىرلىرىغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدا قۇرۇلغان تۈرلۈك كېپىللىك بېرىش ئاپپاراتلىرىنىڭ سانى 54 كە يېتىپ، ئوتتۇرا – كىچىك تىپتىكى 13 مىڭ كارخانىغا كېپىللىك بېرىش سوممىسىنى 6 مىليارد يۈەنگە يەتكۈزۈپ، ئوتتۇرا –كىچىك تىپتىكى كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ، ئوتتۇرا – كىچىك تىپتىكى كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە پائال رول ئوينىدى.

( مۇھەررىر : قـەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ