|
11 – سېنتەبىر چۈشتىن بۇرۇن، ئۈرۈمچى شەھىرى مىچۈەن – دۇڭسەن رايونى قەتئىي تەدبىر قوللىنىپ، يەرلەرنى قانۇنسىز قورشاپ ئىگىلەپ قانۇنسىز سېلىنغان ئىمارەتلەرنى مەجبۇرى چاقتى.
بۇ قېتىمقى مەجبۇرىي چېقىش ھەرىكىتىدە مىچۈەن – دۇڭسەن رايونى گۇمۇدى بازىرى شاخې كەنتىدە 58 ئائىلىلىك ئۆي مەجبۇرى چېقىۋېتىلدى، ئۇنىڭ ئىچىدە، 10 ئائىلە بەلگىلىمىگە خىلاپ ئۆي سېلىپ، 1 مىڭ 400 مېتىر كۋادرات مېتىر يەرنى ئىگىلىۋالغان؛ 39 ئائىلە يەرنى قانۇنسىز ئىگىلەپ 3 مىڭ 200 مېتىر ئۇزۇنلۇقتا قورشاۋ تام سېلىپ، 50 مىڭ كۋادرات مېتىردىن كۆپرەك يەرنى ئىگىلىۋالغان؛ ئالتە ئائىلە كوللېكتىپ يېرىنى ئىگىلەپ دەرەخ، ئالقات كۆچىتى تىكىپ، 30 مىڭ كۋادرات مېتىر يەرنى ئىگىلىۋالغان؛ يەنە ئۈچ ئائىلىنىڭ ئۆيى ئەتىيازدا چېقىۋېتىلگەن بولسىمۇ، قايتىدىن قانۇنسىز سېلىۋالغان.
بۇ قانۇنسىز قۇرۇلۇشلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ تېخى پۈتمىگەن، ئۆيلەرنىڭ ئۇلى ۋە دەرىزىلىرىنىڭ يوق ئىكەن. ئاپتونوم رايونلۇق زېمىن – بايلىق نازارەتچىلىكى باش ئەترىتى ئۈرۈمچى شەھەرلىك تارماق ئەترىتىنىڭ باشلىقى جىن جۇڭبىن مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: مىچۈەن – دۇڭسەن رايونىنىڭ قۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ، يەرلەرنىڭ قىممىتى كۈنسىرى ئاشتى، شۇڭا بەزى قانۇنسىز ئۇنسۇرلار يەرلەرنى قانۇنسىز زورلۇق بىلەن قورشاپ ئىگىلىۋالدى، ئىشنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى بىلمىگەن بىر قىسىم ئامما ئۇلارغا ئەگىشىپ يەرلەرنى قورشاپ ئىگىلىۋالغان، شۇڭا، مىچۈەن – دۇڭسەن رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى بۇ قېتىمقى مەجبۇرىي چېقىش ھەرىكىتىنى تەشكىللەپ، قانۇنسىز، زورلۇق بىلەن يەر ئىگىلەپ، قانۇنسىز سېلىنغان قۇرۇلۇشلارنى مەجبۇرىي چاقتى.
مىچۈەن – دۇڭسەن رايونى بۇلتۇر 8 – ئاينىڭ 1 – كۈنى قۇرۇلغاندىن بۇيان، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى تېز يۈكسىلىپ، يەرلەنىڭ قىممىتى ھەسسىلەپ ئاشتى، بەزى قانۇنسىز ئۇنسۇرلار قانۇنسىز ۋاستىلەرنى قوللىنىپ، يەر ئىگىلىپ قانۇنسىز ئىمارەت سېلىۋالدى، بۇنداق قانۇنسىز سېلىنغان ئىمارەتلەرنىڭ كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولغاندا 5 مىڭ كۋادرات مېتىرغا، كىچىك بولغاندا ئۈچ – تۆت يۈز كۋادرات مېتىرغا يېتىدۇ. ئۈرۈمچى شەھىرى مىچۈەن – دۇڭسەن رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى جاڭ تيەنشى مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: دۆلەت ئىلكىدىكى ۋە كوللېكتىپ ئىگىدارچىلىقىدىكى يەرلەرنى قانۇنسىز ئىگىلەش قىلمىشىغا قەتئىي زەربە بېرىمىز، بۇنداق يەرلەرنى قورشاپ ئىگىلەش كىشىنى چۈچۈتىدۇ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ مەقسىدى ئەمەلىيەتتە قورشاپ ئىگىلەش ئارقىلىق زور نەپكە ئېرىشىشتىن ئىبارەت، ئەگەر ھەر قانداق ئادەمنىڭ بۇ خىل ۋاستە بىلەن يەرلەرنى قالايمىغان ئىگىلەش قىلمىشى ئۈنۈملۈك تېزگىنلەنمىسە مىچۈەن - دۇڭسەن رايونىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ۋە جەمئىيەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشىغا يامان تەسىر كۆرسىتىدۇ.
ئىگىلىنىشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرى مىچۈەن – دۇڭسەن رايونى تۆت كورپۇس ئاھالىلەر بىناسى سېلىپ، تۇرمۇشتا ھەقىقەتەن قىيىنچىلىقى بار ئۆيلۈك يېرى يوق قىسمەن ئاممىنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۇتۇش قىلغان.
|