باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى
جەنۇپ ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ شىنجاڭ شۆبىسى ئۈرۈمچىدىن كۇچاغا كۈندە بېرىپ كېلىدىغان نۆۋەتچى ئايرۇپىلاندىن بىرنى كۆپەيتىدۇ
2008- 09- 12 11:23 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

      جەنۇپ ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ شىنجاڭ شۆبىسى 10 – سېنتەبردىن 30 – سېنتەبرگىچە، ئۈرۈمچىدىن كۇچاغا كۈندە بېرىپ كېلىدىغان نۆۋەتچى ئايرۇپىلاندىن بىرنى كۆپەيتىدۇ. ئاقسۇ ئايرودرومىنىڭ ئۇچۇش – چۈشۈش يولى ياسىلىۋاتقانلىقتىن، 15 – ئاۋغۇستتىن 15 – سېنتەبرگىچە، ھەر قايسى ئاۋىئاتسىيە شىركەتلىرىنىڭ ئاقسۇغا ئۇچىدىغان نۆۋەتچى ئايرۇپىلانلىرىنىڭ ھەممىسى بىردەك ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، يولۇچىلار ئاقسۇغا بېرىش ئۈچۈن پويىز ۋە ئاپتوبۇستا ئولتۇرىدىغان بولغان ئىدى. جەنۇپ ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ بۇ قېتىم كۇچاغا بېرىپ – كېلىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانىنى كۆپەيتىشى ئاساسلىقى ئاقسۇغا بارىدىغان يولۇچىلارغا تېخىمۇ قولايلىق يارىتىشنى مەقسەد قىلغان.

 

( مۇھەررىر : قـەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ