|
بورتالا شەھىرىدە: بورتالا شەھەرلىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى 8 – ئاينىڭ 26 – كۈنى 2008 – يىللىق ‹‹ئالتۇن كۈز ئوقۇشقا ياردەم بېرىش مۇكاپاتى››نى تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىنغان ئائىلە قىيىنچىلىقى ئېغىر 13 ئوقۇغۇچىغا 2000 يۈەندىن ئوقۇش ياردەم پۇلى تارقاتتى.
بورتالا شەھەرلىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئۈچ يىلدىن بۇيان، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلاردىكى ئائىلە قىيىنچىلىقى ئېغىر ئىشچى – خىزمەتچىلەر، ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت ئوبيېكتلىرى، ئىش ئورنىدىن قالغانلار، ئېغىر كېسەللەر، مېيىپ ۋە ئائىلە قىيىنچىلىقى ئېغىر دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىنغان پەرزەنتلىرىگە ياردەم قىلىش مەقسىتىدە، ‹‹ئالتۇن كۈز ئوقۇشقا ياردەم بېرىش مۇكاپاتى›› تەسىس قىلغانىدى. ھازىرغىچە ئۇلار ئائىلە قىيىنچىلىقى ئېغىر 55 ئوقۇغۇچىغا 80 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك ئوقۇش ياردەم پۇلى تارقىتىپ بەردى.
ئاۋات بازىرىدا: مارالبېشى ناھىيىسىنىڭ ئاۋات بازىرى يېقىندا، بۇ بازاردىن بۇ يىل ئاپتونوم رايون ئىچى – سىرتىدىكى ئالىي، ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلارغا ‹‹ئالتۇن كۈز ئوقۇشقا ياردەم بېرىش مۇكاپاتى›› تارقاتتى.
بۇ بازار يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بازار بويىچە ھەممە ئادەم، ھەممە ئورۇن مائارىپقا كۆڭۈل بۆلۈش، مائارىپنى قوللاش، مائارىپقا ئەھمىيەت بېرىشتەك ياخشى كەيپىياتنى شەكىللەندۈرۈپ، مائارىپ ئىشلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈردى، ‹‹ئالتۇن كۈز ئوقۇشقا ياردەم بېرىش مۇكاپاتى›› تەسىس قىلىپ، نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىنغان ئائىلە قىيىنچىلىقى ئېغىر ئوقۇغۇچىلارغا تۇنجى يىلى بىر قېتىمدىلا 2000 يۈەندىن، ئىچكى ئۆلكىلەردىكى نۇقتىلىق تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا قوبۇل قىلىنغان ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا 1000يۈەندىن، رايون ئىچىدىكى نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىنغان ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا 1000 يۈەندىن، رايون ئىچىدىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىنغان ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا 500 يۈەندىن مۇكاپات بېرىشنى تۈزۈملەشتۈردى. يېقىندا بۇ بازار بازار تەۋەسىدىن ئاپتونوم رايون ئىچى – سىرتىدىكى نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپ، نۇقتىلىق ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىنغان 13 ئوقۇغۇچىنى 13 مىڭ 500 يۈەن بىلەن مۇكاپاتلاپ، ئاتا – ئانىلارنىڭ ئىقتىسادىي يۈكىنى يېنىكلەتتى.
|