|

11–سېنتەبر كەچ ، ئەنگلىيە غەربىي ھام پۇتبول كوماندىسى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ ، ئىتالىيە پۇتبول چولپىنى زولانىڭ غەربىي ھام پۇتبول كوماندىسىنىڭ باش ترېنېرىلىقىغا تەيىنلەنگەنلىكىنى ئېلان قىلدى. زولا ئەنگلىيە چېلسىي كوماندىسىدا توپ ئويناپ چېكىنگەندىن كېيىن ، ئىتالىيىنىڭ U-21كوماندىسىدا ياردەمچى ترېنېرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن بولۇپ ، يېقىندا ، بۇ ۋەزىپىدىن ئىستېپا بېرىپ ، غەربىي ھام پۇتبول كوماندىسى بىلەن توختام تۈزىگەن. ئىگىلىنىشچە ، غەربىي ھام پۇتبول كوماندىسى بىلەن زولا ئوتتۇرىسىدىكى توختامنىڭ مۇددىتى ئۈچ يىل ئىكەن.
|