باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئىجتىمائىي خەۋەرلەر
ئىناۋەت ئارخىپىدا مەسىلە بولغانلىقتىن، كۈيتۈڭدە 48كىشىنىڭ قەرز ئېلىشى رەت قىلىندى
2008- 09- 12 10:58 شىنجاڭ گېزىتى

      كۈيتۈڭ شەھىرىدىكى تاڭ ئەپەندى 2007 – يىلى بانكىدىن 50 مىڭ يۈەن قەرز ئېلىپ پىكاپ سېتىۋالماقچى بولغان. ئۇ بانكىدىن قەرز ئالماقچى بولغاندا، بانكا خىزمەتچىلىرى ئۇنىڭغا شەخسىيلەر ئىناۋەت ئارخىپىدا ئۇدا ئون قېتىم قەرزنى مۇددەتتىن كېچىكتۈرۈپ قايتۇرغانلىق خاتىرىسى بارلىقىنى، شۇڭا بانكىنىڭ قەرز پۇل بېرەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان. بۇ ۋاقىتتا تاڭ ئەپەندى ئىلگىرى رەنىلىك قەرز ئېلىپ ئۆي سېتىۋالغانلىقى، توي قىلىپ ئىقتىسادتا بىرمەزگىل قىينالغانلىقتىن، پۇلنى ھەر ئايدا قايتۇرالمىغانلىقىنى ئېسىگە ئالغان. تاڭ ئەپەندى قارىماققا كىچىكتەك كۆرۈنگەن بۇ ئىشنىڭ ئۆزىنىڭ ئىناۋەت ئارخىپىغا خاتىرىلىنىپ، ئۆزىگە ئاۋارىچىلىك ئېلىپ كېلىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدى. ستاتىستىكىغا قارىغاندا، شەخسلەرنىڭ ئىناۋەت ئارخىپىغا ئىشەنچىسىز بولۇش ئۇچۇرى خاتىرىلەنگەنلىكتىن، كۈيتۈڭ شەھىرىدە 48 كىشىنىڭ قەرز ئېلىشى بانكا تەرىپىدىن رەت قىلىنغان. 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ