باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئىجتىمائىي خەۋەرلەر
كەم قالغان 0.86 يۈەن پۇل ۋاقتىدا تاپشۇرۇلمىغانلىقتىن ، بانكا كرېدىت كارتىسى ئىلتىماس قىلىش رەت قىلىندى
2008- 09- 12 10:58 شىنجاڭ گېزىتى

      ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى لى ئەپەندى 2003 – يىلى مەلۇم بانكىدىن كرېدىت كارتىسى بېجىرگەن، 2007 – يىلى 7 – ئايدا، ئۇ بۇ كرېدىت كارتىسىدىن 700 نەچچە يۈەن ئونكول قىلغان، ئۇ ئۇزاق ئۆتمەي ئونكول قىلغان بۇ پۇلنىڭ پۈتۈن قىسمىنى قايتۇرغان. بىراق ئۇ تۆت ئايدىن كېيىن كاماندىروپكىغا چىقىپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، كرېدىت كارتىسىنىڭ توڭلىتىپ قويۇلغانلىقىنى بايقىغان. لى ئەپەندى دەرھال بانكا بىلەن ئالاقىلەشكەن، ئەسلىدە ئۇ پۇلنى تولۇق قايتۇرمىغان بولۇپ، يەنە 0.86 يۈەن پۇل قالغان ئىكەن. لى ئەپەندى 0.86 يۈەن پۇلنى تولۇقلاپ تاپشۇرغاندىن كېيىن، بۇ كرېدىت كارتىسىنى داۋاملىق ئىشلەتكەن.

     لى ئەپەندى 2008 – يىلى 5 – ئايدىن باشلاپ باشقا بانكىلاردىن كرېدىت كارتىسى ئىلتىماس قىلغان بولسىمۇ، رەت قىلىنغان. لى ئەپەندى بانكىدىن سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق ئاشۇ 0.86 يۈەن پۇلنىڭ بۇنىڭغا سەۋەب بولغانلىقىنى بىلگەن. لى ئەپەندى ئەينى ۋاقىتتا پۇلنى تولۇق قايتۇرمىغانلىقتىن، ئۇنىڭ ئىناۋەت دوكلاتىدا پۇل تاپشۇرۇش ۋاقتىنى مۇددەتتىن ئاشۇرۇۋېتىش خاتىرىسى ساقلىنىپ قالغان. 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ