|
جۇڭگوخەلق بانكىسى ئۈرۈمچى مەركىزىي تارماق بانكىسىنىڭ خىزمەتچىسى
ئىناۋەتتىن ئىبارەت بۇ بايلىققا بىردەمدىلا ئېرىشكىلى بولمايدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن ياخشى ئىناۋەتلىك سودا ئادىتى يېتىلدۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. قانداق قىلغاندا ئۆزىنىڭ ‹‹ئىقتىسادىي سالاھىيىتى›› دە ياخشى ئىناۋەت خاتىرىسى بولۇشقا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ؟ جۇڭگو خەلق بانكىسى ئۈرۈمچى مەركىزىي تارماق بانكىسى سەمىمىيەت باشقارمىسىنىڭ خىزمەتچىسى كۆپچىلىككە ئادەتتە خىزمەت، تۇرمۇشتا ئىككى نۇقتىغا دىققەت قىلىشنى ئېيتتى:
بىرىنچى، ئالدى بىلەن شەخسىي سالاھىيىتىنىڭ ئوغرىلىقچە ئىشلىتىلىشىدىن ساقلىنىش كېرەك. ھەرخىل ئۈنۈملۈك سالاھىيەت كىنىشكىسى ۋە كۆپەيتىلمىسىنى ياخشى ساقلاش، باشقىلارغا بەرمەسلىك كېرەك. باشقىلارغا كىملىك كۆپەيتىلمىسى بەرگەندە، ياخشىسى كىملىك كۆپەيتىلمىسىدىكى خەت بار جايغا ئىشلىتىلىشىنى يېزىپ قويۇش كېرەك، شۇنداقلا ‹‹قايتا كۆپەيتىلسە ئىناۋەتسىز›› دېگەن خەتنى يېزىپ قويۇش كېرەك.
ئىككىنچى، پۇل قايتۇرۇش ۋاقتىغا ھەرۋاقىت دىققەت قىلىش، كېلىشىم بويىچە پۇلنى ۋاقتىدا قايتۇرۇش كېرەك. كۈندىلىك تۇرمۇشتا كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلىش خاتىرىسى بولۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، تۆۋەندىكى بىرقانچە خىل ئەھۋالغا دىققەت قىلىش كېرەك: كرېدىت كارتىسىدىكى ئونكول ئىستېمالدا پۇلنى ۋاقتىدا قايتۇرماي، مۇددەتتىن ئاشۇرۇۋېتىش خاتىرىسى بولۇش؛ رەنىلىك قەرز پۇل ئېلىپ پۇلنى ۋاقتىدا قايتۇرماي، مۇددەتتىن ئاشۇرۇۋېتىش خاتىرىسى بولۇش؛ رەنىلىك قەرز پۇل، ئىستېمال قەرز پۇلى قاتارلىقلارنىڭ ئۆسۈمى تەڭشەلگەندىن كېيىن، يەنىلا ئەسلىدىكى سومما بويىچە ئايدا تاپشۇرىدىغان پۇلنى تاپشۇرۇپ، ئۆسۈمنى ۋاقتىدا تاپشۇرماسلىق؛ 3 – تەرەپكە كېپىل بولغاندا، 3 – تەرەپ قەرز پۇلنى ۋاقتىدا قايتۇرماسلىقىدىن كېلىپ چىققان مۇددەتتىن ئاشۇرۇۋېتىش خاتىرىسى بولۇش؛ يانفون نومۇرى ئىشلىتىلىشتىن توختىتىلغاندىن كېيىن، ئالاقىدار رەسمىيەت بېجىرىلمەي، ئايلىق ئىجارە ھەققى تاپشۇرۇلماسلىقىدىن كېلىپ چىققان مۇددەتتىن ئاشۇرۇۋېتىش ئەھۋالى بولۇش.
خىزمەتچى خادىم خېلى بىر قىسىم ناچار ئىناۋەت خاتىرىسى قەستەن ئونكول قىلىشتىن شەكىللەنگەن بولماستىن، بەلكى بىپەرۋالىق قىلىشتىن شەكىللەنگەن، دەپ تونۇشتۇردى. ئۇ ئالتە خىل بىپەرۋالىق قىلمىشىنىڭ ئوڭايلا مۇددەتتىن ئاشۇرۇۋېتىش خاتىرىسى قالدۇرىدىغانلىقىنى مىسال قىلىپ كۆرسەتتى ھەم مۇناسىپ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى:
— ئۆي قەرز پۇلى ئالغۇچىلار ياكى كرېدىت كارتىسى بارلار كاماندىروپكىغا، ساياھەتكە چىقىش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن پۇلنى ۋاقتىدا قايتۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالغان، قايتىپ كەلگەندىن كېيىن پۇل قايتۇرۇش مۇددىتى ئۆتۈپ كەتكەن. گەرچە پۇلنى تولۇقلاپ قايتۇرغان بولسىمۇ، لېكىن پۇل قايتۇرۇش مۇددىتىدىن ئاشۇرۇۋېتىش خاتىرىسى ساقلىنىپ قالىدۇ. ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى: سىرتقا چىقىشتىن ئىلگىرى ئالدى بىلەن پۇلنى ئىسچوتقا كىرگۈزۈۋېتىش ياكى باشقىلارغا پۇلنى قايتۇرۇشقا ھاۋالە قىلىش.
—ئۆسۈم قوشۇلغاندىن كېيىن، ئۆي قەرز پۇلى ئالغۇچىلار قەرز پۇل ئۆسۈمىنىڭ تەڭشەلگەنلىكىنى بىلمەي، يەنىلا ئەسلىدىكى ئايدا تاپشۇرۇدىغان پۇل بويىچە قەرز قايتۇرۇپ، ئىسچوتتا يېتەرلىك پۇل بولماي، بانكا پۇل تۇتالماسلىق ئەھۋالىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش، گەرچە پۇل كېيىن تولۇقلاپ تاپشۇرۇلغان بولسىمۇ، بىراق كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلىش ئەھۋالى كېلىپ چىقىش. ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى: ھەر يىلنىڭ بېشىدا ئالدىنقى بىر يىللىق ئۆي قەرز پۇلى قاتارلىقلارغا يېڭى ئۆسۈم نىسبىتى ئىجرا قىلىنىدۇ، ئۆي قەرز پۇلى ئالغانلار پۇل تاپشۇرۇشتىن ئىلگىرى ياخشىسى بانكىغا بېرىپ مەسلىھەت سورىشى كېرەك، ئەگەر يەنىلا ئۇقالمىسا، ئىسچوتىغا %20 پۇلنى كۆپ ئامانەت قويسا بولىدۇ.
—قولىدا بىرقانچە كرېدىت كارتىسى بولۇپ، بۇ كارتىلارنى ئىشلەتمىسىمۇ يىللىق ھەق ئېلىنىدىغانلىقىنى بىلمەي، نەتىجىدە مۇددەتتىن ئاشۇرۇۋېتىش خاتىرىسى ساقلىنىپ قېلىش. ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى: ئەگەر ئىشلەتمەيدىغان كرېدىت كارتىسى بولسا، بانكىغا ۋاقتىدا بېرىپ ئەمەلدىن قالدۇرۇۋېتىش كېرەك؛ ئىشلىتىۋاتقان بولسا، چوقۇم ۋاقتىدا پۇل تاپشۇرۇشنى ئېسىدىن چىقارماسلىقى كېرەك.
—كرېدىت كارتىسى ئېھتىياتسىزلىقتىن يىتىپ كېتىپ، يىتىپ كەتكەنلىكىنى ۋاقتىدا مەلۇم قىلماسلىق، باشقىلار تېپىۋېلىپ قەستەن ئونكول قىلىپ ئىشلەتسىمۇ بىلمەسلىك، بۇنىڭ بىلەن مۇددەتتىن ئاشۇرۇۋېتىش خاتىرىسى ساقلىنىپ قېلىش. ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى: كرېدىت كارتىسى يىتكەن ھامان، ۋاقتىدا مەلۇم قىلىش كېرەك.
— ئىستېمالچىلار ئۆزلىرىنىڭ نامىدا تۇغقانلىرى، دوستلىرىغا قەرز پۇل ئېلىپ بېرىش ياكى كرېدىت كارتىسى بېجىرىپ بېرىش، ئۇلار پۇلنى ۋاقتىدا تولۇق تاپشۇرالماسلىق، بۇنىڭ بىلەن ئۆزلىرى بۇنى ئۈستىگە ئېلىش. ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى: باشقىلارغا قەرز پۇل ئېلىپ بەرگەن ياكى قەرز پۇل ئېلىشقا كېپىل بولغاندا، چوقۇم قارشى تەرەپنىڭ قايتۇرۇش ئىقتىدارى ۋە ئىناۋەت ئەھۋالىنى ئويلىشىش ھەم دائىم ئەسكەرتىش ۋە نازارەت قىلىپ تۇرۇش كېرەك.
— پۇل قايتۇرىدىغان مۇددەتنى بىلمەي، ھەر ئاينىڭ ئاخىرىدا قايتۇرساملا بولدى، دەپ ئويلاپ، بانكىنىڭ پۇل تاپشۇرىدىغان كۈنىدە پۇلنى تۇتۇپ قېلىشقا تەسىر يەتكۈزۈش. ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى: مەيلى ئۆي قەرز پۇلى، ياكى كرېدىت كارتىسى بولسۇن، ھەرقايسى بانكىلارنىڭ پۇل قايتۇرۇش مۇددىتى بولىدۇ، پۇلنى بەلگىلەنگەن مۇددەتتىن بۇرۇن تاپشۇرۇش كېرەك، بولمىسا مۇددەتتىن ئاشۇرۇۋېتىلدى، دەپ قارىلىدۇ.
|