|
مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئاممىۋى قاتناش گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە: 4 – سېنتەبىردىن 31 – ئۆكتەبىرگىچە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئاممىۋى قاتنىشى ئوقۇغۇچىلارغا ئېتىبار بېرىش كارتىسىنى يىللىق تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ئىشلەيدىكەن، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 14 كارتىغا پۇل قاچىلاش ئورنىدا بېجىرىشكە بولىدىكەن، ۋاقتىدا يىللىق تەكشۈرۈشكە قاتناشمىغان ئوقۇغۇچىلار كارتىسى قەرەلى ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدىكەن.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئاممىۋى قاتناش گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىدىكى خادىملارنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، 16 ياشتىن تۆۋەنلەر ئوقۇغۇچىلار كارتىسىنى تەكشۈرتكەندە، نوپۇس دەپتىرىنى ئاپىرىپ بېجىرىشى كېرەك ئىكەن، 16 ياشتىن يۇقىرىلار ئوقۇغۇچىلار كارتىسىنى تەكشۈرتكەندە، يېڭى ئوقۇش يىلىدا تاپشۇرغان ئوقۇش پۇلى تالونى (ياكى تىزىمغا ئالدۇرۇلغان ئوقۇغۇچىلىق كىنىشكىسى) بىلەن نوپۇس دەپتىرى (ياكى كىملىكى)نى ئاپىرىپ بېجىرىشى كېرەك ئىكەن؛ ئوقۇغۇچىلارغا ئېتىبار بېرىش كارتىسىنىڭ ئىشلىتىلىش ياش چەكلىمىسى 19 ياشتىن تۆۋەنلەر (1989 – يىلى 1 – سېنتەبىردىن كېيىن توغۇلغانلار) ئىكەن، 16 ياشتىن تۆۋەنلەرنىڭ ئوقۇغۇچىلار كارتىسىنى چوڭلار كارتىسىغا ئالماشتۇرۇشقا بولمايدىكەن، لېكىن ئاپتوماتىك ھەميان قىلىپ داۋاملىق ئىشلىتىشكە بولىدىكەن؛ ئادەتتىكى ئوتتۇرا مەكتەپلەردىن ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى كەسپىي تېخنىكوم، تېخنىكوم، كەسپىي تولۇق ئوتتۇرا، ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇشقا كەلگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇغۇچىلار ئېتىبار كارتىسىنى ئىشلىتىشى توختىتىلىدىكەن، كارتا ئىشلەتكۈچى كىملىكنىڭ ئەسلىي نۇسخىسى بىلەن يىڭى ئوقۇش مەۋسۇمىدە تاپشۇرغان ئوقۇش پۇلى تالونىنى ئېلىپ، ۋاڭ جالياڭ پۇل قاچىلاش مەركىزىگە بېرىپ، ئوقۇغۇچىلار كارتىسىنى چوڭلار كارتىسىغا ئالماشتۇرۇۋالسا بولىدىكەن، تەلەپگە ئۇيغۇن كەلمىگەنلەرنىڭ كارتىسى ئاپتوماتىك ھالدا ئادەتتىكى كارتىغا ئايلىنىپ قالىدىكەن، كارتىنى قايتۇرۇۋەتسىمۇ بولىدىكەن؛ ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئادەتتىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلارغا كارتا سېتىۋېلىش ئۈچۈن، مەكتەپ تۇگۇڭدىكى كارتىغا پۇل قاچىلاش ئورنىغا بېرىپ، ئەسلىدىكى ‹‹ئوقۇغۇچىلارغا ئايلىق كارتا تارقىتىپ بېرىش بەلگىلىمىسى››گە ئاساسەن بىر تۇتاش بېجىرسە بولىدىكەن، باشقا پۇل قاچىلاش ئورۇنلىرىدا ئوقۇغۇچىلار كارتىسى بېجىرىلمەيدىكەن.
|