|
ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ شەخسلەر ئىناۋەت سىستېمىسى يولغا قويۇلغان ئۈچ يىلدىن بۇيان 8 مىليون 20 مىڭ شەخسنىڭ ئۇچۇرى كىرگۈزۈلدى ھەم ئۇلار ئۈچۈن ئىناۋەت ئارخىپى تۇرغۇزۇلدى، بۇنىڭ ئىچىدە 1 مىليون 485 مىڭ كىشىنىڭ بانكا بىلەن كرېدىت سودىسى قىلغان خاتىرىسى بار. بۇ، مۇخبىرنىڭ جۇڭگو خەلق بانكىسى ئۈرۈمچى مەركىزىي تارماق بانكىسىدىن ئىگىلىگەن خەۋىرى.
ئىگىلىنىشىچە، جۇڭگو خەلق بانكىسى 2004 – يىلى مەملىكەت بويىچە مەركەزلىك بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن شەخسلەر ئىناۋەت سانلىق مەلۇمات ئامبىرى قۇرۇشقا باشلىغان. 2005 – يىلى 8 – ئايدا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ شەخسلەر ئىناۋەت سىستېمىسى شىنجاڭدىكى ھەرقايسى دۆلەت شېرىكسىز سودا بانكىسى، پاي تۈزۈمىدىكى سودا بانكىسى، شەھەرلەردىكى سودا بانكىلىرى ئارىسىدىكى بىرلەشمە توردا يولغا قويۇلغان، 2006 – يىلى سودا بانكىلىرىدا سۈرۈشتۈرۈش رەسمىي ئېچىۋېتىلگەن. سودا بانكىلىرى شەخسلەر قەرز پۇلىنى تەكشۈرۈش، ئىناۋەت كارتىسى ئىلتىماس قىلىش ياكى شەخسلەرگە تارقىتىلغان قەرز پۇل قاتارلىقلارنىڭ ئىناۋەت خەۋپىنى ئىز قوغلاپ باشقۇرغاندا، بۇ سىستېمىدىكى شەخسلەر ئىناۋەت ئارخىپىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولسا بولىدىكەن.
جۇڭگو خەلق بانكىسى ئۈرۈمچى مەركىزىي تارماق بانكىسى ئىناۋەت باشقۇرۇش باشقارمىسىنىڭ باشلىقى دېڭ شياۋگاڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ‹‹ھازىر ئاپتونوم رايونىمىز توپلىغان شەخسلەر ئىناۋەت ئۇچۇرى ئاساسلىقى ئۈچ تۈرگە بۆلۈنىدۇ: بىرىنچى، كىنىشكا تۈرى ۋە نومۇرى، ئالاقىلىشىش ئادرېسى، ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى، نىكاھ ئەھۋالى، تۇرالغۇ ئۇچۇرى، كەسىپ ئۇچۇرى قاتارلىقلار؛ ئىككىنچى، قەرز پۇل ئۇچۇرى، جۈملىدىن قەرز پۇل تارقاتقان بانكا، قەرز پۇل سوممىسى، قەرز پۇل مۇددىتى، قەرز قايتۇرۇش شەكلى، ئەمەلىي قايتۇرغان قەرز پۇل خاتىرىسى، كېپىللىك ئۇچۇرى قاتارلىقلار؛ ئۈچىنچى، كرېدىت كارتىسى ئۇچۇرى، جۈملىدىن كارتا تارقاتقان بانكا، ئىناۋەت دەرىجىسى، قەرز پۇل قايتۇرۇش خاتىرىسى قاتارلىقلار. ھەرقانداق كىشى كىملىكى بىلەن شۇ جايدىكى خەلق بانكىسىنىڭ ئىناۋەت باشقۇرۇش تارماقلىرىدىن ئۆزلىرىنىڭ شەخسىي ئىناۋەت خاتىرىسىنى ھەقسىز سۈرۈشتۈرسە بولىدۇ››.
دېڭ شياۋگاڭ مۇنداق دېدى: ‹‹شارائىتنىڭ پىشىپ يېتىلىشىگە ئەگىشىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ شەخسلەر ئىناۋەت ئۇچۇرى تۈپ سان مەلۇمات ئامبىرىدا يەنە كرېدىت ساھەسىدىن باشقا تېخىمۇ كۆپ ئىناۋەت ئۇچۇرلىرى، جۈملىدىن شەخسلەرنىڭ سۇ پۇلى، توك پۇلى، گاز پۇلى تاپشۇرۇش قاتارلىق جامائەت ئىشلىرى خىراجەت ئۇچۇرى، شەخسلەرنىڭ باجنى كەم تاپشۇرغانلىق ئۇچۇرى، سوت ھۆكۈمى ئۇچۇرى قاتارلىقلار ساقلىنىپ، شەخسلەرنىڭ ئىناۋەت ئەھۋالى ئومۇميۈزلۈك ئەكس ئەتتۈرۈلىدۇ.
|