|

ساختا مال ياساش ئۇۋىسىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرمىگەن كىشى بۇ ھاراقلارنىڭ ساختا ھاراق ئىكەنلىكىنى ھەرگىزمۇ سېزەلمەيدۇ. 11 – سېنتەبىر، شىنجاڭ قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېزا ئىگىلىك 4–شىسىدىكى ساقچىلار ئۈرۈمچى شەھىرى داۋەن يېزىسىدىكى بىر تۇرالغۇ ئۆيدە ساختا ھاراق ياسايدىغان ئۇۋىنى بىتچىت قىلغان ھەمدە 100مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى ساختا ‹‹ماۋتەي››ھاراقلىرىنى قولغا چۈشۈرگەن . بۇ ھاراق يېشىكلىرى ئىچىدە يەنە ‹‹ساختىلىقتىن ساقلىنىش كۆرسەتمە كارتىسى›› مۇ بار ئىكەن . ئەينى ۋاقىتتا بۇ ساختا ھاراق ياساش ئۇۋىسىدا توققۇز جىنايەت گۇماندارى بار بولۇپ ، ساقچىلار بۇ جىنايەت گۇماندارلىرىنىڭ ئىزىغا چۈشكىلى بىر ھەپتە بولغان ئىكەن .
ساختىلىققا زەربە بېرىش مەخسۇس گۇرۇپپىسىدىكى ساقچىلار مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ئورىلىشى قارىماققا نەپىس بولغان ئالىي دەرىجىلىك ھاراقلارنىڭ ھەممىسى ئەمەلىيەتتە بىر قىسىم تۆۋەن دەرىجىلىك ھاراق بىلەن پارچە ھاراقنى ئارىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ياسىلىدىكەن.
ئىگىلىنىشىچە ، بۇ يىل كىرىشى بىلەن ، ساختىلىققا زەربە بېرىش گۇرۇپپىسىدىكىلەر پۈتۈن شىنجاڭدا ساختا ھاراق ساتىدىغان دۇكاندىن 500 نى بىر تەرەپ قىلغان .

|