باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى
خۇجىنتاۋ، ۋېن جياباۋ، لىنفېن‹‹شىنتا››كانچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ ئاخىرقى رۇدا پاتقىقى توسمىنى ئېلىپ كېتىش ۋەقەسى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بەردى
2008- 09- 12 10:15 شىنجاڭ گېزىتى

      شىنخۇا ئاگېنتلىقى بېيجىڭ، 10 – سېنتەبىر تېلېگراممىسى. 8 – سېنتەبىر، سەنشى ئۆلكىسى لىنفېن شەھىرىدىكى ‹‹شىنتا›› كانچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ رۇدا پاتقىقى توسمىنى ئېلىپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەردى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن بۇ ۋەقەگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، باش شۇجى خۇ جىنتاۋ، زۇڭلى ۋېن جياباۋ دەرھال مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، بارلىق ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن خەتەردىن قۇتقۇزۇش ۋە يارىدارلارنى داۋالاشقا تەشكىللەپ، كېيىنكى ئىشلارنى ئەستايىدىل ھەم مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ياخشى ئىشلەپ، ۋەقەنىڭ سەۋەبىنى ئۈزۈل – كېسىل ئېنىقلاپ، قانۇن بويىچە مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈپ، ساۋاقنى قوبۇل قىلىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى ھەقىقىي كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلدى.

     زۇڭلى ۋېن جياباۋنىڭ ھاۋالىسى بىلەن، دۆلەت كومىسسارى، قوشۇمچە گوۋۇيۈەن باش كاتىپى ما كەي گوۋۇيۈەندىكى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرىنى باشلاپ ۋەقە يۈز بەرگەن نەق مەيدانغا بېرىپ، خەتەردىن قۇتقۇزۇش ۋە كېيىنكى ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىگە قوماندانلىق قىلدى ھەم يارىلانغانلار ۋە قازا قىلغانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنى يوقلىدى.

     سەنشى ئۆلكىسى ۋە مۇناسىۋەتلىك تارماقلار مەركەزدىكى رەھبىرىي يولداشلارنىڭ يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يارىلانغانلارنى قۇتقۇزۇش، نەق مەيداننى تازىلاش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشكە پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاتلاندى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ۋەقەنىڭ سەۋەبىنى تەكشۈرۈشكە باشلىدى. ھازىر بۇ ۋەقەدە قازا قىلغانلار 128 كىشىگە، يارىلانغانلار 35 كىشىگە يەتتى، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى، مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىكى، زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىكى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىكى، مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى قاتارلىق تارماقلاردىن تەشكىللەنگەن گوۋۇيۈەن ۋەقەنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى تەكشۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك باشلىدى.

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ