|
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شۈ سەيخۇ 10 – سېنتەبىر برونېۋىك قىسىم قۇرۇلۇش ئىنىستىتۇتىغا بېرىپ، ئوقۇتقۇچى، ئىشچى–خىزمەتچىلەر بىلەن بىرلىكتە ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىنى تەبرىكلىدى. شۈ سەيخۇ مۇنداق تەكىتلىدى: ھەربىي ئىنىستىتۇتلار توغرا مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشىدە باشتىن–ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىغا ئاۋالقىدەكلا ئەھمىيەت بېرىپ ۋە كۈچەيتىپ، ئوقۇتقۇچىلارنى ھۆرمەتلەيدىغان، ئوقۇتۇشقا ئەھمىيەت بېرىدىغان ياخشى كەيپىياتنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. بارلىق ئوقۇتقۇچى، ئىشچى– خىزمەتچىلەر زىممىسىدىكى مەسئۇلىيەتنىڭ ئېغىرلىقىنى تولۇق تونۇپ، مائارىپ تەربىيىسى ئارقىلىق ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقىشتەك مۇقەددەس بۇرچىنى يۇقىرى ئۆلچەمدە ئادا قىلىپ، ئارمىيىنىڭ ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، ئارمىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ھەم ياخشى ھەم تېز تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە يېڭى تۆھپىلەرنى قوشۇش كېرەك .
|