باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى
شى جىنپىڭ شۋېتسىيە ۋەلىئەھدى ، مەلىكە ۋېكتورىيە بىلەن كۆرۈشتى
2008- 09- 11 15:13 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

    

      دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شى جىنپىڭ 10 – سېنتەبىر بېيجىڭ ‹‹خەلق›› سارىيىدا، بېيجىڭ مېيىپلار ئولىمپىك تەنھەركەت مۇسابىقىسىنى كۆرۈش ئۈچۈن كەلگەن شۋېتسىيە ۋەلىئەھدى ، مەلىكە ۋېكتورىيە بىلەن كۆرۈشتى . شى جىنپىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە ئىجابىي باھا بەردى. ئۇ مۇنداق دېدى: ‹‹جۇڭگو بىلەن شۋېتسىيە دېپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 58 يىلدىن بۇيان، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى مۇقىم تەرەققىي قىلىپ، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىق ئۆزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە ئەمەلىي نەپ ئېلىپ كەلدى. جۇڭگو تەرەپ شۋېتسىيە تەرەپ بىلەن بىرلىكتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ئۆز– ئارا ھۆرمەت قىلىش، ئادىل بولۇشتەك ئۆز– ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش پنرىسىپى ئاساسىدا، ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇق، ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى ئۆزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىشنى خالايدۇ . شى جىنپىڭ يەنە بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەركەت مۇسابىقىسى، بېيجىڭ مېيىپلار ئولىمپىك تەنھەركەت مۇسابىقىسىغا دائىر ئەھۋاللار ۋە ئېلىمىزنىڭ مېيىپلارنىڭ ئىنسانىي ھوقوقىنى قوغداش جەھەتتە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى قىسقىچە تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتتى.

 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ