باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى
ئاپتونوم رايونىمىزدىكى جايلار 24 – قېتىملىق ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىنى تەبرىكلىدى
2008- 09- 11 12:50 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

       جىڭ ناھىيىلىك 1 – باشلانغۇچ مەكتەپ ‹‹مەن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئوقۇتقۇچى›› تېمىسىدىكى باھالاش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. ئوقۇغۇچىلار قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان ئەڭ مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلىرىنى بەس – بەستە كۆرسەتتى، بىر ئوقۇغۇچى: مەن با مۇئەللىمنى ياخشى كۆرىمەن، ئۇ دەرس ئۆتكەندە ئىنتايىن سۈرلۈك بولغان بىلەن، دەرستىن چۈشكەندىن كېيىنلا چىرايىغا كۈلگە يۈگۈرەپ، مېھرىبان بولۇپ كېتىدۇ ھەمدە بىز بىلەن بىرلىكتە ئوينايدۇ، ئۇ ئاچىمىزغا ئوخشايدۇ، بىز ئۇنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىمىز، دېدى.

     بالىلارنىڭ بۇنداق مۇئەييەنلەشتۈرۈشىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئوقۇتقۇچى بايىن جىرگىل مۇنداق دېدى: بۇ مېنىڭ ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىدا تاپشۇرۇپ ئالغان ئەڭ قىممەتلىك سوۋغام، ئوقۇتقۇچى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساغلام، خۇشال – خۇرام چوڭ بولۇشى ئۈچۈن، ئۆگىنىش، تۇرمۇش قاتارلىق ھەر قايسى تەرەپلەردىن ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە ئەتراپلىق كۆيۈنۈشىمىز كېرەك.

      كورلا شەھىرىدىكى ھەر قايسى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەر ئارقا - ئارقىدىن مول مەزمۇنلۇق ۋە رەڭدار كۆللېكتىپ پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ، ئوقۇتقۇچىلىرىغا بەخىت تىلىدى، ئۇلار ئۇستاز مېھرىگە تەشەككۇرىنى بىلدۈردى.

 كورلا شەھەرلىك 4 – باشلانغۇچ مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلار ناخشا ئېيتىش، شىئېر دىكلوماتسىيە قىلىش قاتارلىق كىچىك تىپتىكى نومۇرلارنى ئورۇنداپ، ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىلىق سوۋغات سۈپىتىدە ئوقۇتقۇچىلىرىغا ھەدىيە قىلدى. ئوقۇغۇچى شياڭ شىۋېن مۇنداق دېدى: بۈگۈن، بىز ناخشىمىز ئارقىلىق، ئوقۇتقۇچىلىرىمىزغا بولغان ھۆرمىتىمىز ۋە تەشەككۇرىمىزنى بىلدۈردۇق، ئوقۇتقۇچىلىرىمىز جاپا چەكتى، بىز ئۇلارنىڭ ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىنى تەبرىكلەيمىز، بەخىت – ئامەت ۋە خۇشاللىقنىڭ ھەر كۈنى ئۇلارغا يار بولۇشىنى تىلەيمىز.

     ئوقۇتقۇچى لى جېن مۇنداق دېدى: ھەر يىلى مۇشۇ كۈندە، بىز ئوقۇتقۇچىلار چەكسىز ئىللىقلىق ھېس قىلىپ، ئوقۇتقۇچىلىقتىن ئىبارەت بۇ كەسىپنىڭ گەرچە ئىنتايىن جاپالىق بولسىمۇ، لېكىن ئىنتايىن شەرەپلىكلىكىنى تونۇپ يېتىمىز، مۇئەللىم بولغان ئىكەنمىز، چوقۇم ئەڭ يېڭى مائارىپ قارىشىمىز، ئەڭ ياخشى پسىخىكىلىق ھالىتىمىز بىلەن بالىلارنى خۇشال – خۇرام ئۆگىنىشكە، ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشكە يېتەكلىشىمىز كېرەك.

     ئاقسۇ شەھەرلىك 4 – باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى كونا ئاسما كالىندار قاتارلىق كېرەكسىز ماتېرىياللاردىن‹‹مۇھىت ئاسراش تىپىدىكى ئوقۇتقۇچىلارنى ھۆرمەتلەش تەبرىك ئاتكىرىتكىسى›› ياساپ ئوقۇتقۇچىلىرىغا سوۋغا قىلدى، 4 – يىللىق سىنىپ ئوقۇغۇچىسى جۇ يەنيەن تەبرىك ئاتكىرىتكىسىغا ئاپتاپپەرەس ۋە شامنى سىزدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئوقۇتقۇچى قۇياشقا ئوخشايدۇ، بىز ئاپتاپپەرەسكە ئوخشايمىز، ئوقۇتقۇچىلار بىزنىڭ قەلبىمىزنى يۇرۇتىدۇ، شامغا ئوخشاش ئۆزى كۆيۈپ تۆگەش بەدىلىگە بىزگە يۇرۇقلۇق ئاتا قىلىدۇ.

 ئوقۇتقۇچى بەي شيۇپىڭ مۇنداق دېدى: بالىلارنىڭ ئەستايىللىق، ئىنچىلىك بىلەن بۇ تەبرىك ئاتكىرىتكىلىرىنى ياساپ چىققانلىقىنى كۆرۈپ، قەلبىمدە چەكسىز خۇش بولدۇم، ئادەتتە قانچە جاپا چەكسەممۇ ئەرزىيدىكەن، دەپ ئويلىدىم، كۆڭلۈمدىكى ھاياجىنىمنى تىل بىلەن ئىپادىلەپ بېرەلمەيمەن، ئۆزەمنى ئىنتايىن بەخىتلىك ھېس قىلىۋاتىمەن.

( مۇھەررىر : قـەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ