باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى
ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم يېقىندا، ‹‹مەھەللە پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر››نى ئېلان قىلدى
2008- 09- 11 12:47 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

     ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم يېقىندا ‹‹مەھەللە پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر››نى ئېلان قىلدى، ‹‹پىكىر››دە مۇنۇلار بەلگىلەندى: بۇنىڭدىن كىيىن دۆلەت مەمۇرلىرىنى قوبۇل قىلىشتا  شۇ كىشى ئىلگىرى مەھەللىدە خىزمەت قىلغان بولسا ئالدىن قوبۇل قىلىنىش مۇئامىلىسىدىن بەھرىمەن بولىدۇ، ئاساسىي قاتلامدا خىزمەت قىلمىغان يېڭىدىن دۆلەت مەمۇرىلىققا قوبۇل قىلىنغان مەمۇرلار مەھەللىدە ئۈچ يىلدىن ئارتۇق چېنىقىشقا ئەۋەتىلىدۇ.

   ‹‹پىكىر›› دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: مەھەللە قۇرغاندا مەھەللە پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى ماس قەدەمدە قۇرۇپ چىقىش كېرەك، ھەر بىر مەھەللە پارتىيە تەشكىلاتلىرىغا بەشتىن يەتتىگىچە دۆلەت كادىرى سەپلەپ بېرىش، مەھەللە كادىرلىرىنىڭ پاراۋانلىق تەمىناتىغا مۇۋاپىق ئېتىبار بىرىش كېرەك. جۇملىدىن مەھەللە پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ شۇجىلىقىنى چوقۇم دۆلەت كادىرلىرى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك، نۇقتىلىق مۇرەككەپ رايونلاردىكى مەھەللە پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ شۇجىلىرىنىمۇ مۇۋاپىق سەپلەشكە بولىدۇ.

( مۇھەررىر : قـەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ