|
ئاۋغۇستنىڭ ئاخىرىغىچە، جۇڭگو نېفىت گۇرۇھى شىنجاڭ نېفىتلىك شىركىتىنىڭ لۇلياڭ مەشغۇلات رايونىدىكى كۈندىلىك نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 5 مىڭ 720 توننىغا يەتتى. مۇشۇ سۈرئەت بويىچە ھېسابلىغاندا، لۇلياڭ نېفىتلىكىنىڭ يىللىق نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى ئۇدا 2 مىليون توننىدىن ئاشۇرۇشىدىن ئۈمىد تۇغۇلدى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، لۇلياڭ نېفىتلىكى— نېفىت بار قاتلام تەتقىقاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە يېڭى تېخنىكا، يېڭى ھۈنەر- سەنئەتلەرنى ئەمەلىي قوللىنىش جەھەتتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھوجۇم قىلىشنى كۈچەيتتى. بۇنىڭ بىلەن، نېفىتلىكنىڭ ئۇنىۋېرسال ئازىيىش نىسبىتى %5 ئىچىدە كونترول قىلىنىپ، كونا ئىشلەپچىقىرىش رايونىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىيىتى نىسبەتەن مۇقىم بولدى. بۇنىڭدىن كېيىنكى ئۈچ يىلدا، لۇلياڭ نېفىتلىكى يېڭىدىن ئېنىقلانغان نېفىت گىئولوگىيە زاپىسىنى 5 مىليون توننىدىن 10 مىليون توننىغىچە يەتكۈزۈشكە تىرىشىدۇ.
|