باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى
ئاپتونوم رايونىمىز 12 – نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا مەبلەغ سېلىش سودا يەرمەنكىسىدە نۇرغۇن تۈردە كېلىشىم ئىمزالىدى
2008- 09- 11 12:26 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

      12 – نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا مەبلەغ سېلىش سودا يەرمەنكىسى 8 – سېنتەبر فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ شيامىن شەھىرىدە باشلاندى. 9 – سېنتەبر، ئاپتونوم رايونىمىز ۋەكىللەر ئۆمىكى 42 تۈردە كېلىشىم ئىمزالىدى. ئومۇمىي سوممىسى 7 مىليارد 659 مىليون يۈەنگە يېتىدىغان بۇ تۈرلەر— نېفىت، نېفىت – خىمىيە سانائىتى، كانچىلىق، يېزا ئىگىلىك، ئالاھىدە يىمەكلىكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەش، مەدەنىيەت ۋە ساياھەتچىلىك، يىنىك سانائەت، توقۇمىچىلىق، ئۇل مۇئەسسەسەلەر قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارغا چېتىشلىق بولۇپ، بۇ نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا مەبلەغ سېلىش سودا يەرمەنكىسىدە، جۇڭگو ۋە چەتئەللىك سودىگەرلەر ئاپتونوم رايونىمىزغا يۈكسەك دەرىجىدە قىزىقىپ قالدى ھەمدە ئاپتونوم رايونىمىزغا مەبلەغ سېلىش دولقۇنى قوزغىدى.

     جۇڭگو خەلقئارا مەبلەغ سېلىش سودا يەرمەنكىسىنىڭ ئاساسلىق ئۇيۇشتۇرغۇچىلىرىدىن بىرى بولغان ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئۆمەك تەشكىللەپ يەرمەنكىگە قاتنىشىۋاتقىنىغا 11 نۆۋەت بولدى. بۇ نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا مەبلەغ سېلىش سودا يەرمەنكىسىگە قاتناشقان ئاپتونوم رايونىمىز ۋەكىللەر ئۆمىكى— ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر، دۆلەت دەرىجىلىك ئىككى تەرەققىيات رايونى، بىر چېگرا ھەمكارلىق رايونى، 31 كارخانىدىن تەشكىللەنگەن بولۇپ، يەرمەنكىگە قاتناشقان ئورۇن سانى ئەڭ كۆپ بولغان بىر قېتىملىقى بولدى.

     بۇنىڭدىن ئىلگىرى، ئاپتونوم رايونىمىز جۇڭگو خەلقئارا مەبلەغ سېلىش سودا يەرمەنكىسى تور پونكىتى ئارقىلىق، تۈر ئومۇمىي سوممىسى 10 مىليارد 30 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىغان 304 تۈرنى ئېلان قىلغانىدى. بۇنىڭ ئىچىدە، يەرمەنكىدە نۇقتىلىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان تۇتاشتۇرۇش تۈرىدىن 80 نەچچىسى بار بولۇپ، تۈر ئومۇمىي سوممىسى 5 مىليارد 9 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتتى.

     مەبلەغ كىرگۈزۈش تۈرلىرى ئىچىدە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەۋزەللىككە ئىگە بولغان بايلىق مەنبەلىرى جۇڭگو ۋە چەتئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ تۇنجى تاللىشىغا ئايلاندى. كۆمۈر بايلىقىنى ئېچىش ۋە پىششىقلاپ ئىشلەش، كۆمۈر،ئېلېكترنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش يەنىلا مۇھىم نۇقتا بولدى. فۇكاڭ شەھىرىدىكى جۇڭدې ۋېييې گۇرۇھى—جېجياڭ بىلەن فۇجيەندىكى كارخانىلار بىرلىكتە مەبلەغ سېلىپ يېڭىدىن قۇرغان شىركەت بولۇپ، بۇ شىركەت 2 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىپ، بۇغدا كۆلى ئېنىرگىيە مەنبەسى تۈرىنى بىرلەشتۈرۈپ، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرىدۇ. بۇ تۈر بۇ يىل ئۆكتەبردە باشلىنىپ،  تۆت يىلدا پۈتۈپ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلىدۇ.

     جۇڭگو گۇاڭدۇڭ يادرو ئېلېكتر گۇرۇھى تۇرپان ۋىلايىتى بىلەن شامال ئېلېكتر تەرەققىيات تۈرى توغرىسىدا كېلىشىم ئىمزالاپ، 10 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىپ، تۇرپاندىكى شامال ئېغىزى رايونىدا ئومۇمىي گېنىراتورلار سىغىمچانلىقى بىر مىليون كىلوۋات كېلىدىغان شامال كۈچىدىن پايدىلىنىپ توك تارقىتىش كارخانىسى قۇرۇشنى پىلانلىدى. 1 – باسقۇچلۇق قۇرۇلۇشقا 500 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، 50 مىڭ كىلوۋاتلىق شامال ئېلېكتر ئىستانسىسى قۇرۇلىدۇ.

     بۇ نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا مەبلەغ سېلىش سودا يەرمەنكىسىدە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەدەنىيەت ۋە ساياھەت تۈرلىرى مەبلەغ سېلىشتىكى قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى. داۋانچىڭ قىزى سەنئەت شەھەرچىسى، ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونلۇق بالىلار مەيدانى قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلۇش ئالدىدا تۇرماقتا. 8 – سېنتەبر، فۇجيەن تەيخې ئوقەتچىلىك چەكلىك شىركىتى قەشقەر ۋىلايىتى بىلەن كېلىشىم ئىمزالاپ، 250 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، قەشقەرنىڭ مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرىدىغان بولدى.

( مۇھەررىر : قـەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ