باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>پەن–مائارىپ
ئاپتونوم رايونلۇق ‹‹ئىككى ئاساسەن›› مۇپەتتىش ئۆمىكى يوپۇرغا ناھىيىسىدە خىزمەتلەرنى تەكشۈردى
2008- 09- 11 11:56 تەڭرىتاغ تورى

      ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھەسەنجان ئابدۇرېھم خەۋىرى: يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى مائارىپ مۇپەتتىش ئۆمىكىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇپەتتىشى، ئىشخانا مۇدىرى، ئاپتونوم رايونلۇق ‹‹ئىككى ئاساسەن›› نى قايتا تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۋېلىش ئۆمىكىنىڭ باشلىقى ما خېپىڭ قاتارلىقلار يوپۇرغا ناھيىسىگە كېلىپ، دۆلەتنىڭ ‹‹ئىككى ئاساسەن››نى تەكشۈرۈشىنى كۈتۈۋېلىش خىزمىتىنى مۇپەتتىش قىلدى.
      مۇپەتتىش ئۆمىكى ئاپتونوم رايوننىڭ ‹‹ئىككى ئاساسەن››نى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش لايىھىسىگە ئاساسەن ، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئەھۋال تونۇشتۇرۇشىنى ئاڭلاش، سۆھبەت يىغىنى ئېچىش، ئارخىپ ماتېرىيال كۆرۈش ، تەكشۈرۈش ، نەق مەيداننى نازارەت قىلىش ، ئىمتىھان ئېلىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن ، ئىككى ئاساسەن خىزمىتىنىڭ ئومۇملىشىش دەرىجىسى، ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ سەۋىيىسى، ئوقۇ–ئوقۇتۇش شارائىتى، راسخوت باشقۇرۇش ، ساۋاتسىزلىقنى تۈگىتىش ۋە ئىككى ئاساسەن ئارخىپ قۇرۇلۇشى قاتارلىق تەرەپلەردىن تەكشۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، دۆلەتنىڭ تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشىنىڭ ئۆلچىمى ۋە تەلىپىنى ئورۇنداپ ، نۆۋەتتىكى مائارىپ خىزمىتى دۇچ كېلىۋاتقان يېڭى ئەھۋاللارغا ، يېڭى مەسىلە ۋە ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم ،قىززىق ،قىيىن نۇقتىلارغا كۆڭۈل بۆلۈشنى ئوتتۇرىغا قويدى .
      2004–يىلى ئاپتونوم رايون يوپۇرغا ناھىيىسىنىڭ ‹‹ئىككى ئاساسەن ›› خىزمىتىنى ئىككىنچى قېتىم قايتا تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزىۋالغاندىن كېيىن ، بۇ ناھىيە ئىككى ئاساسەن خىزمىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش سالمىقىنى زورايتىپ ، مەكتەپلەرنىڭ جايلاشتۇرۇلۇشىنى مۇۋاپىق تەڭشەپ ، مائارىپ مەبلىغىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ ، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇن قۇرۇلۇشى ۋە مەكتەپ باشقۇرۇشىنى كۇچەيتىپ، ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى بۆسۈش ئېغىزى قىلىپ ، يېڭى دەرسلىك ئىسلاھاتىنى ماس قەدەمدە ئىلگىرى سۈرۈپ ، ‹‹قوش تىل ›› مەكتەپ ۋە يېزا كەنت ‹‹قوش تىل ›› يەسلى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈردى. كەسپىي ماھارەت بىلەن تەربىيىلەشنى كۈچەيتىپ ، يېزىلاردىكى مەجبۇرىي مائارىپنىڭ راسخوتىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى . يېزا كەنتلەرنىڭ ياتاقلىق مەكتەپ ۋە ئۇيغۇر خەنزۇ ئوقۇغۇچىلار بىللە ئوقۇيدىغان مەكتەپ قۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىپ ، مائارىپ خىزمىتىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە ياخشى ئاساس سالدى. ئۆتكەن يىلدىن باشلاپ ، ناھىيە مالىيىسىدىن مائارىپ ئاساسىي قۇرۇلۇشى ئۈچۈن 38مىليون 522مىڭ يۈەن راسخوت ئاجراتتى . نۆۋەتتە ، پۈتۈن ناھىيە بويىچە مەكتەپ ئېچىش نىسبىتى %100كە يېتىپ ، مائارىپنى قوللاش ئىئانە مەبلىغى 3مىليون 450مىڭ يۈەنگە يەتتى ؛ 46مەكتەپتە ئېچىلغان 172 ‹‹قوش تىل ›› سىنىپلىرىدىكى ئوقۇغۇچى سانى 5340نەپەرگە يېتىپ ، پۈتۈن ناھىيىدىكى ئوقۇغۇچىلار ئومۇمىي سانىنىڭ %20.7نى ئىگىلىدى ؛ ‹‹قوش تىل ›› بالىلار باغچىسىدىن 31 ى قۇرۇلۇپ ، باغچىدىكى بالىلارنىڭ سانى 2464كە يەتتى ؛ يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش تۈرى 84 ئوتتۇرا ، باشلانغۇچ مەكتەپتە ئومۇملىشىپ ،17 ئېغىز كومپىيۇتېر ئۆيىگە 400 دانە كومپىيۇتېر سەپلەپ بېرىلدى ؛ كەسپىي ماھارەت بىلەن تەربىيىلەش مەركىزىگە 7مىليون 600مىڭ يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىنىپ ، 1335نەپەر ئۇقۇغۇچىنى كەسپىي تېخنىكا ماھارىتى ۋە  خەنزۇ تىلىدا كۈچەيتىپ تەربىيىلەندى ؛ 54مىڭ ئادەم(قېتىم) دېھقان ئاممىسىغا پەن–تېخنىكا بويىچە تەربىيىلەش كۇرسى ئۇيۇشتۇرۇلدى ؛ ساۋاتسىزلىقنى تۈگىتىشكە 63مىڭ يۈەن راسخوت ئاجرىتىلىپ ، ساۋاتسىز قالغان 120 كىشى تەربىيىلەندى . نۆۋەتتە ، بۇ ناھىيىدە بىر مەكتەپ ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ، 15مەكتەپ ۋىلايەت ۋە ناھىيە دەرىجىلىك ‹‹ئەخلاق تەربىيىسدە ئۆلچەمگە يەتكەن مەكتەپ›› دېگەن نامغا ئېرىشتى. 

 

( مۇھەررىر : قەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ