باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>پەن–مائارىپ
ئىككى مەكتەپ بىرلەشتۈرۈلۈپ شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى تەشكىل قىلىنغانلىقىنىڭ ئون يىللىقى خاتىرىلەندى
2008- 09- 11 10:57 شىنجاڭ گېزىتى

    شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلار 10 – سېنتەبىر چۈشتىن كېيىن خۇشال – خۇرام ھالدا بىر يەرگە جەم بولۇپ، سابىق شىنجاڭ تېببىي ئىنستىتۇتى بىلەن سابىق شىنجاڭ جۇڭگو تېبابەتچىلىكى ئىنستىتۇتى بىرلەشتۈرۈلۈپ، شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى تەشكىل قىلغانلىقىنىڭ ئون يىللىقىغا تەنتەنە قىلىشتى.

   ئىگىلىنىشچە، شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى تەشكىل قىلىنغان ئون يىلدىن بۇيان، ئوقۇتۇش، پەن – تەتقىقات ۋە داۋالاش قاتارلىق جەھەتلەردە زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن. مەكتەپتە  تەسىس قىلىنغان تولۇق كۇرس بويىچە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغان كەسىپلەر 25 كە، ئوقۇغۇچى سانى  19 مىڭغا، ماگىستىر ئاسپىرانتلىرى  1802 گە، دوكتور ئاسپىرانتلىرى  116 گە، چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلار  600گە يەتكەن؛ 2007  – يىلى مەكتەپ بويىچە پەن – تېخنىكا سېلىنمىسى17 مىليون 180 مىڭ يۈەنگە يېتىپ، 1998 – يىلىدىكى 268 مىڭ يۈەندىن 64 ھەسسە ئاشقان؛ ئون يىلدا مەملىكەت ۋە ئۆلكە دەرىجىلىك پەن – تەتقىقات تۈرىدىن 372نى ئۈستىگە ئالغان؛ 2007 – يىلى داۋالاش كەسپىي كىرىمى 1 مىليارد 748 مىليون يۈەنگە يېتىپ، 1998 – يىلىدىكىدىن 4.3 ھەسسە ئاشقان.

    تەبرىكلەش مۇراسىمىدا ئاپتونوم رايون بويىچە 5 – نۆۋەتلىك ‹‹ ئۈچ خىل تەربىيە ئارقىلىق ئادەم تەربىيىلەش مۇكاپاتى››غا ئېرىشكەن جاۋشيۆشىن، غەيرەت مىجىت قاتارلىق ئۈچ كىشى، شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى بويىچە ‹‹ 2008 – يىللىق داڭلىق ئوقۇتقۇچى›› دېگەن نامغا ئېرىشكەن رەنا قاسىم، خۇ يۆمېي قاتارلىق سەككىز كىشى ھەم شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى بويىچە 2007 – 2008 – يىللىق ئوقۇش يىلىدىكى‹‹ئىلغار خىزمەتچى›› دېگەن نامغا ئېرىشكەن نىگار مەمتىمىن، ۋەن شيا، گۈلباھار قادىر قاتارلىق 60 كىشى مۇكاپاتلاندى.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ