|
قىش پەسىللىك ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەشكە بىر ئايدەك ۋاقىت قالدى، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئىسسىقلىق بىلەن مەركەزلەشتۈرۈپ تەمىنلەيدىغان 44 كارخانا كۆمۈر زاپىسى تەييارلاش خىزمىتىنى باشلىۋەتتى. ئەمما بەزى ئورۇنلارنىڭ ئىلگىركى يىللاردىكى پار پۇلىنى تاپشۇرماي كەينىگە سۆرەش مەسىلىسى ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلىگۈچى كارخانىلارنىڭ نورمال خىزمتىگە توسالغۇ بولماقتا. مۇشۇ ئاينىڭ 7 – كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش كەسپىنى باشقۇرۇش ئىشخانىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان، ئۈرۈمچى شەھىرىدە پار پۇلىنى تاپشۇرماي كەينىگە سۆرەش ئەھۋالى كۆرىنەرلىك ياخشىلانغان، پار پۇلىنى يىغىش نىسبىتى يىلسىرى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن، ئىسسىقلىق بىلەن مەركەزلەشتۈرۈپ تەمىنلەيدىغان 44 كارخانىنىڭ ئالدىنقى ئىككى يىلدىكى پار پۇلىنى يىغىش نىسبىتى بىردەك 90 پىرسەنتتىن ئاشقان. ئەمما ئىلگىرىكى يىللاردىكى قەرز قالغان پۇلنى تولۇقلاپ يىغىۋېلىش خىزمىتى كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغان. نۆۋەتتە بەزى ئورۇن ۋە شەخىسلەرنىڭ ئىلگىركى يىللاردا تاپشۇرمىغان پار پۇلىنىڭ ئومۇمىي سوممىسى 400 مىليون يۈەندىن ئاشىدىكەن.
|