باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى
ئاپتونوم رايون كادىرلار يىغىنى ئاچتى
2008- 09- 11 10:48 شىنجاڭ گېزىتى

  شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي، سىياسىي مۇقىملىقىنى بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ قوغداش كېرەك ۋاڭ لېچۈەن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى،نۇر بەكرى دوكلات بەردى

     ئاپتونوم رايون 10 – سېنتەبىر چۈشتىن بۇرۇن كادىرلار يىغىنى ئاچتى، يىغىندا ھازىر شىنجاڭ بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە دۇچ كەلگەن مۇرەككەپ ۋەزىيەت ئەستايىدىل تەھلىل قىلىندى،  مەملىكەت ئىچى – سىرتىدىكى ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› لەرنىڭ بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرىدە يېقىنقى بىر مەزگىلدىن بۇيان كۆرۈلگەن يېڭى ئەھۋال، يېڭى يۈزلىنىش كۆزدە تۇتۇلۇپ، ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى كۈچەيتىش خىزمەتلىرى مۇھاكىمە قىلىنىپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئاپتونوم رايوندىكى ھەردەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە ھەرمىللەت كادىرلار، ئامما ئىدىيىنى يەنىمۇ بىرلىككە كەلتۈرۈپ، تونۇشنى ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي، سىياسىي مۇقىملىقىنى بىرنىيەتتە ھەمكارلىشىپ قوغداپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى ئۈزلۈكسىز قولغا كەلتۈرۈشكە سەپەرۋەر قىلىندى.

   ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى ۋاڭ لېچۈەن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

   ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرى دوكلات بەردى.

   ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە رەھبەرلىرى ۋە ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى رەھبەرلىرىدىن ئەركىن ئىمىرباقى، ئەسقەت كەرىمباي، نيې ۋېيگو، ياڭ گاڭ، جۇ جىنلىن، فۇچياڭ، خەن يوڭ، لى يى، شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئابىلمەجىن، سوڭ ئەيروڭ، جۇ خەيلۈن، بەي جىجيې، كۈرەش مەخسۇت، ئەركىنجان تۇراخۇن يىغىنغا قاتناشتى.

   ۋاڭ لېچۈەن يىغىندا مۇنداق كۆرسەتتى: ھازىر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتى ياخشى، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانماقتا، تۈرلۈك ئىشلار گۈللەنمەكتە، خەلقنىڭ تۇرمۇشى ئۈزلۈكسىز ياخشىلانماقتا، ئىجتىمائىي، سىياسىي ۋەزىيەت مۇقىم بولماقتا. دۈشمەنلەر كۆڭۈل قويۇپ پىلانلىغان بىرقانچە قېتىملىق زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋەقەلىرى شىنجاڭنىڭ ئومومىيتىگە زىيان يەتكۈزەلمىدى، ھەرمىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ بىرنىيەتتە ھەمكارلىشىپ ھاللىق سەۋىيىگە يېتىش ئىرادىسى ۋە ئىشەنچىسىنى تەۋرىتەلمىدى، شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالى ئىنتايىن پارلاق. بىز يەنە شۇنىمۇ سەگەكلىك بىلەن كۆرۈشىمىز كېرەككى، شىنجاڭدىكى بۆلگۈنچىلىك بىلەن بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى بىردەممۇ توختاپ قالغىنى يوق. كادىرلار، ئامما، بولۇپمۇ ھەردەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ تونۇشى ئېنىق بولۇشى كېرەك. شىنجاڭدا بۆلگۈنچىلىك بىلەن بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش ئارىسىدىكى كۈرەش ئۇزاق مۇددەتلىك، مۇرەككەپ، ئۆتكۈر بولۇپ، كىشىلەرنىڭ ئىرادىسىگە قاراپ ئۆزگەرمەيدۇ. ھەردەرىجىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى، كادىرلار، ئامما كاللىسىنى ھەرۋاقىت سەگەك تۇتۇپ، بۇ كۈرەشنىڭ خاراكتېرىنى يەنىمۇ ئېنىق تونۇپ، ئىشەنچىسىنى چىڭىتىپ، ئىرادىسىنى ئۇرغۇتۇشى كېرەك.

    ۋاڭ لېچۈەن مۇنداق تەكىتلىدى: ھازىر مەملىكەت ئىچى – سىرتىدىكى ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› لەرنىڭ بىزگە ئىدىيە جەھەتتە سىڭىپ كىرىش بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىق يېڭى ئالاھىدىلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، ھەرمىللەت كادىرلار، ئاممىغا بولغان ئىجابىي تەشۋىقات ۋە تەربىيىلەش، يېتەكلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ‹‹ئۈچ خىل››كۈچلەرنىڭ ئەكسىيەتچىل تەشۋىقاتلىرىنى نۇرغۇن جانلىق پاكىتلار ئارقىلىق پاش قىلىپ، رەددىيە بېرىپ، پاكىتنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ھەرمىللەت خەلقنىڭ ھەق، ناھەقنى ئايرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئاپتونوم رايون بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ، ئاپتونوم رايوندا بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى بويىچە تەشۋىقات، تەربىيە پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، كادىرلار، ئاممىنىڭ ئىدىيە، سىياسىي ئېڭىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئىدىيە ئاساسىنى مۇستەھكەملەيدۇ. ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› لەرنىڭ ھەرخىل شەكىلدىكى سىڭىپ كىرىش، بۆلگۈنچىلىك، بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرىگە قارىتا باشتىن – ئاخىر قاتتىق زەربە بېرىش، بېسىمنى كۈچەيتىش ۋەزىيىتىنى ساقلاپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھۇجۇم قىلىش، باش كۆتۈرسىلا زەربە بېرىش، دۈشمەنگە ئالدى بىلەن زەربە بېرىش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، دۈشمەننىڭ خورىكىنى ھەرگىز يوغىنىتىۋەتمەسلىك كېرەك. ئازسانلىق مىللەت كادىرلىرىنى تەربىيىلەش، ئىشلىتىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئازسانلىق مىللەت كادىرلىرىغا ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرىدىغان تېخىمۇ چوڭ سەھنە ھازىرلاپ بېرىپ، تېخىمۇ كۆپ ئازسانلىق مىللەت كادىرلىرىغا مۇھىم ۋەزىپىلەرنى تاپشۇرۇپ، ئازسانلىق مىللەت كادىرلىرى قوشۇنىدا ئىقتىدارلىقلارنىڭ كۆپلەپ چىقىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

   نۇر بەكرى دوكلاتىدا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 20 – ئەسىرنىڭ 90 – يىللىرىدىن بۇيانقى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ مۇساپىسىنى ئەسلەپ ئۆتكەندىن كېيىن مۇنداق كۆرسەتتى: مىللىي بۆلگۈنچىلەر ھەرمىللەت خەلقنىڭ ئورتاق دۈشمىنى، ئۇلار ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى پارچىلاشتەك جىنايى مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، ئەسەبىيلىشىپ ۋاسىتە تاللاپ ئولتۇرمىدى. بىزنىڭ ئۇلار بىلەن بولغان كۈرىشىمىز مىللىي مەسىلە ئەمەس، دىنىي مەسىلىمۇ ئەمەس بەلكى ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ساقلاش يولىدىكى ھايات – ماماتلىق كۈرەش. كادىرلار، بولۇپمۇ ھەردەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار سىياسىي ئېڭى، خەۋپ ئېڭى ۋە مەسئۇلىيەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، غەربتىكى ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى دۈشمەن كۈچلەرنىڭ جۇڭگونى ‹‹غەربلەشتۈرۈش››، ‹‹پارچىلاش›› ئەپت – بەشىرىسىنى ئېنىق تونۇشى، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› لەر بىلەن بولغان كۈرەشنىڭ ماھىيىتىنى ئېنىق تونۇشى، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە دۇچ كەلگەن ۋەزىيەت، ۋەزىپىلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئېنىق تونۇپ ۋە ئىگىلەپ، بۆلگۈنچىلىككە، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىكى ھازىرقى يېڭى ئەھۋال، يېڭى ئالاھىدىلىككە ئاساسەن، ئۆز رايونى، ئۆز تارمىقىنىڭ مۇقىملىق خىزمىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى پەللە، تېخىمۇ يۇقىرى قاتلامدىن پىلانلاپ، ئاساس سالىدىغان، ئۇزاققىچە باشقۇرىدىغان، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان، ئۈنۈملۈك يولغا قويغىلى بولىدىغان تەدبىر ۋە چارىلەر ئۈستىدە كۈچ سەرپ قىلىپ ئىزدىنىشى ۋە ئۇلارنى يولغا قويۇشى، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىكى ئاڭلىقلىقى ۋە تەشەببۇسكارلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشى كېرەك.
ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتىنىڭ نازىرى ليۇ ياۋخۇا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھازىرقى مۇقىملىق ۋەزىيىتىنى مەلۇم قىلدى.

   ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى، خەلق ھۆكۈمىتى، سىياسىي كېڭەش، ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىدىكى مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقى دەرىجىلىكتىن يۇقىرى رەھبىرىي كادىرلار، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىلىرى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى سوت مەھكىمىلىرى، تەپتىش مەھكىمىلىرى، قانۇنشۇناسلىق جەمئىيىتى، قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتى، ئۈرۈمچى ھاۋا ئارمىيە قوماندانلىق شتابىنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى يىغىنغا قاتناشتى.

   ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردىكى پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى، سىياسى – قانۇن كومىتېتى شۇجىلىرى؛ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ بۆلۈم، كومىتېتلىرى، ئاپتونوم رايوندىكى كومىتېت، ئىشخانا، نازارەت، ئىدارىلەر، خەلق تەشكىلاتلىرى، ئالىي مەكتەپلەر، ئاپتونوم رايوندىكى چوڭ، ئوتتۇرا كارخانىلار، مەركەزنىڭ شىنجاڭدىكى ئورۇنلىرىنىڭ رەھبەرلىرى؛ سىرتقى ئۆلكە، شەھەرلەردىكى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ شىنجاڭدىكى ئىش باشقارمىلىرى، كارخانا بىرلەشمىلىرى، سىرتقى ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ ئۈرۈمچىدىكى بىرقىسىم كارخانىلىرى ۋە ئاپتونوم رايوندىكى بىرقىسىم پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى يىغىنغا قاتناشتى.    

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ