باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>پەن–مائارىپ
يېڭىسارلىقلار ئالىي مەكتەپكە ئۆتكەن ئوقۇغۇچىلارغا 50مىڭ يۈەندىن ئارتۇق يوللۇق تۇتتى
2008- 09- 11 10:43 تەڭرىتاغ تورى

      ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھۈسىيىن مەمىتىمىن خەۋىرى: 10–سېنتەبر، يېڭىسار ناھىيىسى ئالىي تېخنىكومدىن يۇقىرى مەكتەپلەرگە يېڭىدىن قوبۇل قىلىنغان نامرات، تۇرمۇشتا قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەرنىڭ پەرزەنتىلىرىگە ئوقۇش ياردەم پۇلى تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، ئەۋلادلارنىڭ قەلىب ئېتىزىغا ئۈمىد ئۇرۇقى چاچتى.
      ‹‹يوللۇق تۇتۇش›› مۇراسىمىدا ناھىيىلىك پارتكوم ، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مەسئۇللىرى تارقىتىلىدىغان ئوقۇش ياردەم پۇلىنىڭ جۇغلىنىش جەريانى، تارقىتىش پرىنسىپى ۋە ئۆلچەملىرىنى يىغىن ئەھلىگە تەپسىلىي چۈشەندۈرۈش بىلەن بىر چاغدا، ئوقۇش ياردەم پۇلىغا ئېرىشكەن ئوقۇغۇچىلاردىن ئاتا–ئانىلىرىغا ۋە پارتىيە، ھۆكۈمەتكە يۆلىنىۋېلىش ئىدىيسىنى تۈگىتىپ، جاپا مۇشەققەتكە چىداپ تىرىشىپ ئۆگىنىپ ، ئۆز يۇرتىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ياراملىق ئىقتىساس ئىگىلىرىدىن بولۇپ يېتىشىپ چىقىشىنى تەلەپ قىلدى.

      مۇراسىم ئاخىرىدا ناھىيە رەھبەرلىرى بۇ يىل ئالىي تېخنىكومدىن يۇقىرى مەكتەپلەرگە يېڭىدىن قوبۇل قىلىنغان، ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار، 28 نەپەر ئوقۇغۇچىغا 50 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق ئوقۇش ياردەم پۇلى تارقىتىپ بېرىپ، پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ ئەۋلادلارغا بولغان مېھىر –شەپقىتىنى يەتكۈزدى.

( مۇھەررىر : قەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ