|
* ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابدۇشۈكۈر راشىدىن ، قەمەردىللا دولقۇن خەۋىرى ، فوتوسى : 9 -ئاينىڭ 10- كۈنى قەشقەر مائارىپ ئىنىستىتۇتى پارتكومى يىغىن ئېچىپ 24- قېتىملىق ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزدى ۋە بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلارنى تەقدىرلىدى . يىغىن داۋامىدا ئىنىستۇت پاتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەكتپ مۇدىرى غوجى مۇسا مەكتەپنىڭ ئالدىنقى بىر يىللىق خىزمەتلىرىدىن خۇلاسە قىلىپ ، قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش بىلەن بىللە بارلىق ئوقۇتقۇچى ۋە ئىشچى- خىزمەتچىلەرىدىن ئىدىيىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ ، تونۇشنى ئۆستۈرۈپ ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ رايونىمىزنىڭ مائارىپ ئىشلىرى تەرەققىياتىغا بولغان قوللىشى ۋە سياسەتلىرىنى ياخشى ئىگىلەپ ، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيىسىنى قەتئىي بوشاشماستىن چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ ، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش تەربىيىسىنى دەرسخانىلارغا كىرگۈزۈپ ، چوڭ مۇقىملىقنى قوغداش ئېنىڭىنى ئۆستۈرۈشنى ، شۇنداقلا بارلىق زېھنى ۋە تولۇپ تاشقان قىزغىنلىقىنى ۋىلايىتىمىزنىڭ مائارىپ ئىشلىرى ۋە مەكتەپنىڭ تەرەققىياتىغا بېغىشلاپ ، كەسىپنى سۆيۈپ ، ئىش ئورنىنى قەدىرلەيدىغان ئىقتىساسلىق ، مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلاردىن بولۇشنى تەلەپ قىلدى. يىغىن داۋامىدا ، ئالدىنقى ئوقۇش يىلىدا نەتىجىسى كۆرنەرلىك بولغان لى شىچيەن ، مۇختەر ئابلەت ، ئەنۋەر مەمەت ، گۈلباھار تاش قاتارلىق 31 نەپەر ‹‹ مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى›› ، ‹‹ئىلغار خىزمەتچى››لەر تەقدىرلەندى. يىغىنغا 250 دىن ئارتۇق ئوقۇتقۇچى ۋە ئىشچى خىزمەتچى قاتناشتى. يىغىن ئاخىرىدا ، مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلار ۋە بۆلۈمدىن يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلار بىر يەرگە جەم بولۇپ ، ئوقتۇش ئىسلاھاتى ۋە نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت توغرىسىدا سۆھبەت ئېلىپ باردى.

سۈرەتتە: ئىلغارلار تەقدىرلەنمەكتە
* ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز ئابدۇشۈكۈر راشىدىن ، قەمەردىللا دولقۇن خەۋىرى ، فوتوسى : قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتى سەنئەت فاكۇلتېتى ئوقۇغۇچىلىرى 24- قېتىملىق ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن 9 - ئاينىڭ 10- كۈنى ھۆسىنخەت –رەسىم كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزدى . كۆرگەزمىگە بۇ فاكۇلتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئىجات قىلغان ‹‹ گۈللە ۋەتەن››،‹‹قەدىمىي كوچا ›› قاتارلىق تېمىلاردىكى 100 گە يېقىن ئەسەر قويۇلۇپ ، مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.

سۈرەتتە: ئوقۇغۇچىلار كۆرگەزمە كۆرمەكتە
* ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تۇرغۇن ئابلىز خەۋىرى، فوتوسى: 10–سېنتەبر، يېزا ئىگىلىك 3–شى پەيزىۋات باش مەيدان پارتكومى ‹‹24–قېتىملىق ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىنى تەبرىكلەش ۋە ئىلغارلارنى تەقدىرلەش چوڭ يىغىنى›› ئېچىپ، 2008–يىللىق ئوقۇ–ئوقۇتۇش، تەربىيىلەش خىزمىتىدە نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولغان 34 نەپەر ئوقۇتقۇچى ، ئىشچى–خىزمەتچىگە ‹‹ئىلغار مائارىپ خىزمەتچىسى››، ‹‹ئىلغار سىنىپ مۇدىرى››، ‹‹مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى›› شەرىپىنى بەردى شۇنداقلا، بارلىق ئوقۇتقۇچىلارنى تىرىشىپ، ساپا مائارىپىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يەنىمۇ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە چاقىرىدى.

يىغىندىن كۆرۈنۈش

مەيدان رەھبەرلىرى مۇكاپات تارقىتىپ بەرمەكتە
|