باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئۈرۈمچى خەۋەرلىرى
ئۈرۈمچى شەھىرى ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلارنى تەقدىرلىدى
2008- 09- 11 10:31 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى

      ئۈرۈمچى شەھىرى 10 – سېنتەبىر، 24 – قېتىملىق ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن يىغىن ئۆتكۈزۈپ، ئوقۇتۇش خىزمىتىدە كۆزگە كۆرۈنگەن مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلارنى تەقدىرلىدى. ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى 206 نەپەر ئوقۇتقۇچى شەھەر دەرىجىلىك شەرەپ گۇۋاھنامىسىغا ئېرىشتى.

      ئۈرۈمچى شەھەرلىك 54 – ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى جىن يۇڭپىڭ ئوقۇتۇش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقىنىغا كۆپ يىل بولغان پىشقەدەم ئوقۇتقۇچى بولۇپ، ئۇ مۇنداق دېدى: ‹‹ بۈگۈن تولىمۇ ھاياجانلاندىم. ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقىنىمغا 20 يىلدىن ئاشتى. بۇنىڭ ئىچىدە، سىنىپ مۇدىرىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقىنىمغا 17 يىل بولدى. بۇ مېنىڭ شەھەر دەرىجىلىك ‹‹ مۇنەۋۋەر سىنىپ مۇدىرى ›› دىگەن نامغا 2 – قېتىم ئېرىشىشىم بولغاچقا تولىمۇ ھاياجانلاندىم. يېشىم چوڭ بولۇپ قالغان بولسىمۇ، ئوقۇغۇچىلارغا كۆڭۈل بۆلۈش، ئۇلارنىڭ تەربىيىلەشنى قەتئىي بوشاشتۇرۇپ قويمايمەن ››.

      كاڭ لىن––شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ماتىماتىكا ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ، ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى بۇ يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىدا ياخشى نەتىجىگە ئېرىشكەنىدى. كاڭ لىن مۇنداق دېدى: ‹‹ بۇ يىل بىر تۈركۈم ئوقۇغۇچىلار تولۇق 3 – يىللىقنى پۈتتۈرۈپ كەتتى. بۇ –– مېنىڭ تولۇق 3 – يىللىققا تۇنجى قېتىم دەرس ئۆتۈشۈم ھىساپلىنىدۇ. بۇ سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى ناھايىتى ياخشى بولدى. مېنىڭچە، ئۆزۈمنىڭ قىلغانلىرى يەنىلا يېتەرسىز، بۇنىڭدىن كېيىن، تېخىمۇ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، ئوقۇغۇچىلارغا يەنىمۇ كۆڭۈل بۆلىمەن ››. 

( مۇھەررىر : قەيـسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ