|

ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ ئوت ئۆچۈرۈش ئىدارىسىدىن ئىگىلىنىشىچە ، بۇ يىلقى پىلاندىكى ئۈچ ئوت ئۆچۈرۈش پونكىتىنىڭ قۇرۇلۇشى يىل ئاخىرىدا ئىش باشلايدىكەن. بۇ پونكىتلار قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۈرۈمچىدىكى ئوت ئۆچۈرۈش پونكىتلىرى 14 كە يىتىدىكەن.
يېڭىدىن قۇرۇلماقچى بولغان ئۈچ ئوت ئۆچۈرۈش پونكىتى ، ئۈرۈمچى ئىتتىپاق يولى، مېھمان كۈتۈش يولى ۋە سەنشى يولىغا جايلىشىدىغان بولۇپ ، ھەممىسى بىرىنچى دەرىجىلىك ئوت ئۆچۈرۈش پونكىتلىرىدىن ئىكەن ، بىر پونكىت ، بىر ئوت ئۆچۈرۈش ئوتتۇرا ئەترىتىگە باراۋەر ئىكەن .
ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ ئوت ئۆچۈرۈش ئىدارىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك خادىمنىڭ ئېيتىشىچە ، مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمە بويىچە ، مەركىزىي شەھەرلەردە ئەسلى 19 ئوت ئۆچۈرۈش پونكىتى بولۇشى كېرەك ئىكەن ، لېكىن نۆۋەتتە ئۈرۈمچىدە ئوت ئۆچۈرۈش پونكىتىدىن 11 ى بار بولۇپ ، ھازىر بار بولغان ئوت ئۆچۈرۈش ئەترەتلىرى شەھەر ئاھالىسىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرالمايۋېتىپتۇ. شۇڭا ، يېڭىدىن ئۈچ ئوت ئۆچۈرۈش پونكىتى قۇرۇلىدىكەن. ئوت ئۆچۈرۈش پونكىتلىرى كۆپەيگەندىن كېيىن ، شەھەر ئاھالىسىنىڭ بىخەتەرلىكىگە تېخىمۇ كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ .
نۆۋەتتە، ئۈچ ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتى قۇرۇلۇشىغا ئىشلىتىلدىغان مەبلەغ نەقلىشىپ بولدى.
|