باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى
قۇمۇل ۋىلايىتىنىڭ سەنتاڭخۇ ئويمانلىقىدا نېفىت ئېچىش خىزمىتىدە زور ئىلگىرىلەشلەر بولدى
2008- 09- 10 16:55 تەڭرىتاغ تورى

       قۇمۇل ۋىلايىتىنىڭ سەنتاڭخۇ ئويمانلىقىدا نېفىت ئېچىش خىزمىتىدە زور ئىلگىرىلەشلەر بولدى . ئومۇمىي پۈتۈش قىممىتى 600 مىليون يۈەندىن ئاشىدىغان خام نېفىتنى سىرتقا توشۇش تۇرۇبا لىنىيىسىدە يېقىندا رەسمىي قۇرۇلۇش باشلاندى.
       سەنتاڭخۇ خام نېفىتىنى سىرتقا توشۇش تۇرۇبا لىنىيىسىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 205 كىلومېتىر بولۇپ ، نيۇچۈەنخۇ نېفىتلىكىدىن باشلىنىپ ، غەربتىكى خام نېفىت تۇرۇبىسىنىڭ قۇمۇل سىباۋ بېكىتىدە ئاخىرلىشىدۇ ، ئاراتۈرۈك ، بارىكۆل ئىككى ناھىيىدىن كېسىپ ئۆتۈپ ، تەڭرىتاغدىن ھالقىپ قۇمۇلغا تۇتىشىدۇ . ئىگىلىنىشىچە، سەنتاڭخۇ نېفىتلىكى خام نېفىتنى سىرتقا توشۇش تۇرۇبا لىنىيىسى قۇرۇلۇشىنىڭ 9 - ئاينىڭ ئاخىرىدا تاماملىنىدىغانلىقى، قۇرۇلۇش پۈتكەندىن كېيىن، ھەر يىلى سىرتقا يەتكۈزۈلىدىغان خام نېفىت مەھسۇلات مىقدارىنىڭ نەچچە مىليون توننىدىن ئاشىدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن .

 

( مۇھەررىر : قەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ