باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئىجتىمائىي خەۋەرلەر
‹‹دۆلەتنىڭ يەرنى نازارەت قىلىش نىزامى››ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ
2008- 09- 10 12:53 شىنجاڭ گېزىتى

    بۇنىڭدىن كېيىن يەرلىك ئەمەلدارلار تۈرلۈك ئاماللار بىلەن باشقۇرۇش رايونىدىكى قۇرۇلۇش يېرىنى كۆپەيتسە ‹‹ئەمەل تاجى›› ئۈستىدە ئويلىنىپ قويۇشى كېرەك. ئىگىلىنىشىچە، دۆلەت زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىكى ‹‹دۆلەتنىڭ يەرنى نازارەت قىلىش نىزامى›› چىقىرىش خىزمىتىنى ئىشلەۋېتىپتۇ، بۇ نىزامغا ئاساسەن، جايلارغا ئەۋەتىلىدىغان يەرنى نازارەت قىلىش خادىملىرىغا پات ئارىدا ‹‹جاۋابكارنى جازالاش ھوقۇقى›› بېرىلىدىكەن، بۇ ھوقۇق گوۋۇيۈەننىڭ ‹‹دۆلەت يېرىنى نازارەت قىلىش نىزامى››دا بېكىتىلىدىكەن.

    ئىلگىرىكى يەرنى نازارەت قىلىش تۈزۈمىدە يەرنى نازارەت قىلغۇچىلار ئاساسىي جاۋابكارنى جازالاش ھوقۇقىغا ئىگە ئەمەس ئىدى. ئىجارە نامىدا ئېلىنغان، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ئېلىنغان يەرلەرنىڭ كۆپ قىسمى تەرەققىيات رايونى، سانائەت رايونى قۇرۇش نامى بىلەن ئىگىلىۋېلىنغان بولۇپ، بازارلىق ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئارىغا چۈشۈشى، ناھىيە دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ قارار قىلىشى بىلەن بېجىرىلگەن. بۇلتۇر ‹‹مەملىكەت بويىچە يەر قانۇنىنى ئىجرا قىلىش بويىچە 100 كۈنلۈك پائالىيەت››كە قاتناشقان دۆلەت زېمىن  بايلىقى مىنىستىرلىكىنىڭ بىر ئەمەلدارى: يەرلىكتىكى ئاساسىي قاتلام رەھبەرلىرىنىڭ قانۇن – بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىش تەننەرخى بەك تۆۋەن، شۇڭا يەر باشقۇرغاندىن ئادەمنى باشقۇرغان ياخشى، دېدى.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ