|
دۆلەت سۈپەت تەكشۈرۈش باش ئىدارىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، يېقىندا جۇڭگو داڭلىق ماركا ئىستراتېگىيىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش كومىتېتى‹‹2008 – يىللىق جۇڭگونىڭ داڭلىق ماركىسى، جۇڭگونىڭ دۇنياۋى داڭلىق ماركىسىنى باھالاش نىزامى››نى ئېلان قىلىپ، سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش، سانلىق مەلۇماتىنى تەكشۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردىن بۇ يىللىق داڭلىق ماركىلارنى باھالاش بەلگىلىمىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
‹‹نىزام››دا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: مەھسۇلات سۈپىتى جەھەتتە، ئۈچ يىل ئىچىدە ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى دەرىجىلىك سۈپەت تەكشۈرۈش ئاپپاراتلىرىنىڭ تەكشۈرۈشىدە لاياقەتسىز بولغان، ئېغىر سۈپەت، بىخەتەرلىك ھادىسىسى كۆرۈلگەن ياكى ئېغىر سۈپەت مەسىلىسى تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغانلىرىنىڭ باھالاشقا قاتنىشىش سالاھىيىتى بىردەك ئېلىپ تاشلىنىدۇ؛ مۇھىت ئاسراش جەھەتتە، بۇلغىما چىقىرىشى ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن ياكى ئۈچ يىل ئىچىدە ئېغىر مۇھىت بۇلغاش ھادىسىسى كۆرۈلگەن كارخانىلارنىڭ باھالاشقا قاتنىشىش سالاھىيىتى ئېلىپ تاشلىنىدۇ. ساختا ئىسپات ماتېرىيالى ياسىغان، سانلىق مەلۇماتنى ساختا مەلۇم قىلغان، قانۇن – بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىش قىلمىشى كۆرۈلگەن، ئۈچ يىل ئىچىدە ئىككى يىل تىجارەتتە زىيان تارتقان، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە تېجەشكە مۇناسىۋەتلىك قانۇن – بەلگىلىمىلىرى ۋە مەجبۇرىي ئۆلچەم تەلەپلىرىگە يەتمىگەن كارخانىلارنىڭ باھالاشقا قاتنىشىش سالاھىيىتى بىردەك ئېلىپ تاشلىنىدۇ.
|