|
سۇغۇرتا ئىشلىرىنى نازارەت قىلىش – باشقۇرۇش كومىتېتى يېقىندا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، قانۇنسىز سودا سۇغۇرتا ئاپپاراتى ۋە قانۇنسىز سۇغۇرتا پائالىيەتلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلغانلارغا جىنايى جاۋابكارلىقىنى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈشتىن سىرت، 200 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 1 مىليون يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇشنى بەلگىلىدى.
سۇغۇرتا ئىشلىرىنى نازارەت قىلىش – باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ كۆرسىتىشىچە، قانۇنسىز سۇغۇرتا پائالىيەتلىرىنىڭ ۋاسىتىسى يوشۇرۇن، ئالداش خاراكتېرى كۈچلۈك، چېتىلىش دائىرىسى كەڭ، تارقىلىشى تېز بولۇپ، نورمال سۇغۇرتا بازىرىنىڭ تەرتىپىگە ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلىدىكەن. قانۇنسىز سودا سۇغۇرتا ئاپپاراتلىرى ۋە قانۇنسىز سودا سۇغۇرتا پائالىيەتلىرىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى ئېنىقلاش ئۈچۈن سۇغۇرتا ئىشلىرىنى نازارەت قىلىش – باشقۇرۇش كومىتېتى ‹‹سۇغۇرتا قانۇنى››دىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن جازالاش تەدبىرى قوللىنىدىكەن. جايلاردىكى سۇغۇرتا ئىشلىرىنى نازارەت قىلىش – باشقۇرۇش ئىدارىلىرى قانۇنسىز قىلمىشلارنى پاش قىلىش نۇقتىلىرىنى قۇرۇپ، قانۇنسىز سۇغۇرتا ئاپپاراتى سېزىلگەن ھامان ئەمەلدىن قالدۇرۇش قارارى چىقىرىشى، بۇنداق ئاپپارات ۋە سۇغۇرتا كەسپىي پائالىيەتلىرىنىڭ قانۇنسىز ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلىپ، ئۇلارنى بارلىق كەسپىي پائالىيەتلىرىنى توختىتىشقا بۇيرۇپ، قانۇن بويىچە مەمۇرىي جازا بېرىشى؛ جىنايەتكە چېتىشلىق بولسا، قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشى كېرەك.
|