باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئىجتىمائىي خەۋەرلەر
سالاھىيەت تەكشۈرۈش مۇلازىمىتى پۇقرالارنىڭ شەخسىيىتىگە چېتىلمايدۇ
2008- 09- 10 12:49 شىنجاڭ گېزىتى

   ج خ مىنىستىرلىكىنىڭ دۆلەت پۇقرالىرىنىڭ سالاھىيەت نومۇرىنى تەكشۈرۈش مۇلازىمەت مەركىزى دۆلەت پۇقرالىرىنىڭ سالاھىيەت ئۇچۇرىنى تەكشۈرۈش مۇلازىمىتىنى يولغا قويغاندىن بۇيان جەمئىيەتنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىدى. قىسمەن ئاممىدا بۇنداق مۇلازىمەتنىڭ كونكرېت مەشغۇلاتىغا ھەم پۇقرالارنىڭ شەخسىيىتىگە قانداق كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدىغانلىقىغا قارىتا گۇمان تۇغۇلدى. بۇ مەسىلىگە قارىتا ج خ مىنىستىرلىكى سالاھىيەت تەكشۈرۈش مەركىزىنىڭ مەسئۇلى مۇنداق دېدى: سالاھىيەت ئۇچۇرىنى تەكشۈرۈش مۇلازىمىتى پۇقرالارنىڭ شەخسىيىتىگە چېتىلمايدۇ، چۈنكى مۇناسىۋەتلىك تارماقلار بۇنىڭغا كاپالەتلىك قىلىش، ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى پۇختا ئىشلىگەن.

   پۇقرالارنىڭ سالاھىيەت ئۇچۇرىنى تەكشۈرۈش مۇلازىمىتى تەكشۈرۈلگۈچى تەكشۈرگۈچى(پوچتا، بانكا قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ مۇناسىۋەتلىك خادىملىرى)گە ئاكتىپلىق بىلەن كىملىكىنى كۆرسىتىدىغان، تەكشۈرگۈچى تەكشۈرۈلگۈچىنىڭ ئىسمى، پۇقرالىق سالاھىيەت نومۇرىنى مۇلازىمەت ئۆتكىلى(ئالاقە تورى، يان تېلېفون قىسقا ئۇچۇرى، يان تېلېفون تورى قاتارلىقلار)دىن ئۆتكۈزۈپ مەملىكەتلىك پۇقرالار سالاھىيەت ئۇچۇر تورىغا يەتكۈزىدىغان، سىستېما قوبۇل قىلغاندىن كېيىن سانلىق مەلۇمات ئامبىرىدىكى سانلار بىلەن سېلىشتۇرۇپ، تەكشۈرگۈچىگە ‹‹بىردەك›› ياكى ‹‹بىردەك ئەمەس›› دېگەن تەكشۈرۈش نەتىجىسى يەتكۈزۈلىدىغان جەرياننى كۆرسىتىدۇ. نەتىجە ‹‹بىردەك›› بولسا، ئاندىن رەسمىي تەكشۈرۈلىدۇ.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ