|
بورتالا شەھىرى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلايدىغان كارخانىلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى چىڭ تۇتۇپ، يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈش قەدىمىنى تېزلەتتى.
بورتالا شەھىرى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يىرىك ئىشلەپچىقىرىشنى مەھسۇلات سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، تەننەرخنى تۆۋەنلىتىش، تۈۋرۈك كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە زورايتىشقا ئۆزگەرتتى. ئاشلىق، ياغ، ئىنچىكە قوي يۇڭى، سۈت، گۆش، تېرە، تۇخۇمنى ئاساس قىلغان ئىنچىكە پىششىقلاش كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇپ، كارخانىلار بىلەن دېھقانلارنىڭ ئۆزئارا نەپ يەتكۈزۈشىنى ئىشقا ئاشۇردى. 7 – ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، شەھەر بويىچە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلايدىغان كارخانىدىن 51 ى قۇرۇلۇپ، ئۇلارنىڭ مۇقىم مۈلكىنىڭ ئومۇمىي قىممىتى 305 مىليون 20 مىڭ يۈەنگە يەتتى. بۇنىڭ ئىچىدە، يىللىق سېتىش كىرىمى 5 مىليون يۈەندىن ئاشىدىغان باشلامچى كارخانا 21 گە يېتىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ رىقابەت ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش، دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى كۆپەيتىشتە تۈرتكىلىك رول ئوينىدى.
|