باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى
ئاپتونوم رايونىمىزدا كۆمۈر كان كارخانىلىرى 377 گە چۈشتى
2008- 09- 10 11:47 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

      ئاپتونوم رايونىمىزدا كۆمۈر كان كارخانىلىرى تاقاش تەدبىرلىرى ئارقىلىق كېمەيتىلىپ، نۆۋەتتە 377 گە چۈشتى.

      ئاپتونوم رايونىمىزدا ئېنىقلانغان كۆمۈر بايلىقى ئومۇمى مىقدارى مەملىكەت بويىچە ئېنىقلانغان كۆمۈر بايلىقى ئومۇمىي مىقدارىنىڭ %35.7 نى ئىگىلەيدۇ، مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇزاقتىن بۇيان، جايلاردىكى كىچىك تىپتىكى كارخانىلارنىڭ تېخنىكىسىنىڭ قالاق، ئېچىش نىسبىتىنىڭ تۆۋەن بولۇشى، كۆمۈر كانلارنى كىنىشكىسىز، قانۇنسىز، قالايمىغان قېزىشى بايلىقلارنىڭ ئېغىر دەرىجىدە ئىسراپ بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، كۆمۈرچىلىكنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا توسقۇنلۇق قىلدى.

    شۇڭا، 2002 – يىلىدىن باشلاپ، ئاپتونوم رايونىمىز كۆمۈر بايلىقىنى بىرىكتۈرۈشنى يولغا قويۇپ، يىللىق مەھسۇلات مىقدارى 90 مىڭ توننىغا يەتمەيدىغان كۆمۈر كانلارنىڭ ھەممىسىنى شاللىدى، چوڭ كارخانا، چوڭ گۇرۇھلارنى جەلب قىلىپ، بىرلەشتۈرۈش، قايتىدىن تەشكىللەر ئارقىلىق، كۆمۈر بايلىقلىرىنى بىرىكتۈردى. 2007 – يىلىدىن باشلاپ، كۆمۈر كان كارخانىلىرىغا ئىجازەت بېرىش ئۆلچىمىنى يەنە بىر قېتىم ئۆستۈرۈپ، كۆمۈر مەھسۇلات مىقدارى 300 مىڭ توننىغا يەتمەيدىغان كۆمۈر كانلارنى يېڭىدىن قۇرۇشقا رۇخسەت قىلمىدى.

     بايلىقلار بىرىكتۈرۈلگەندىن كېيىن ياخشى ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى، ئۈنىڭ ئۈستىگە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ شۇكۇاڭ، شىنۋېن، شېنخۇا قاتارلىق چوڭ كارخانا، چوڭ گۇرۇھلارنى كۆمۈر بايلىقىنى قىدىرىپ تەكشۈرۈش، ئېچىش ۋە كۆمۈر ئېلېكتر، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى بازىسى قۇرۇلۇشىغا پائال جەلب قىلىشى، كۆمۈرچىلىك كەسپىنىڭ چوڭقۇر راۋاجلىنىشىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈردى. ئىگىلىنىشىچە، كۆمۈر بايلىقلىرى بىرىكتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كۆمۈر مەھسۇلات مىقدارى زور دەرىجىدە ئاشقان. 2007 – يىلى 50 مىليون توننىلىق ئۆتكەلدىن بۆسۈپ ئۆتكەن بولسا، بۇ يىل 56 مىليون توننىدىن 60 مىليون توننىغىچە بولۇشى مۆلچەرلەندى، بۇ — يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈش تەرەققىياتىنى يېتەرلىك ئېنېرگىيە مەنبەسى بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. 
 

( مۇھەررىر : قـەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ