|
بايىنغولىن ئوبلاستىدا بۇ يىل ئېغىر قۇرغاقچىلىق ئاپىتى كۆرۈلۈپ، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىغا زور زىيان كەلتۈردى. بۇ ئوبلاستتىكىلەر قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇپ، ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىشقا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، 8 – ئايغىچە 11 مىليون 110 مىڭ يۈەن قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش مەبلىغى ئاجراتتى.
بايىنغولىن ئوبلاستىدا بۇ يىل يامغۇر ئاز ياغدى، تېمپېراتۇرىمۇ ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن ئومۇميۈزلۈك يوقىرى بولدى. ستاتىستىكا قىلىنىشىچە، ئوبلاست بويىچە قۇرغاقچىلىققا ئۇچرىغان دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنىڭ كۆلىمى 380 مىڭ موغا يەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، تارىم دەرياسى سۇغىرىش رايونىدا قۇرغاقچىلىققا ئۇچرىغان زىرائەت كۆلىمى 300 مىڭ موغا، قاراشەھەر دەرياسى ۋە كۆنچى دەرياسى سۇغىرىش رايونىدىكى قۇرغاقچىلىققا ئۇچرىغان زىرائەت كۆلىمى 80 مىڭ موغا يەتكەن. قۇرغاقچىلىق ئاپىتىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، ئوبلاست ناھىيە، شەھەرلەردىكى كادىرلار ۋە ئاممىنى جىددىي سەپەرۋەر قىلىپ، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش جېڭى قىلدى. يەر ئاستى سۇيىدىن پايدىلىنىش، يۇقىرى، تېخنىكىلىق سۇ تېجەش ئەسلىھەلىرىنى ئىشلىتىش، سۇ سىڭمەس ئۆستەڭ ياساش ئارقىلىق چەكلىك سۇدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، قۇغاقچىلىق بولغان ئەھۋالدىمۇ يازلىق ۋە كۈزلۈك ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىشقا كاپالەتلىك قىلدى.
|