|
9 – سېنتەبر چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ئەركىنجان تۇراخۇن ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جىن نو قاتارلىق رەھبەرلەر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئالدىنقى سەپتىكى بىر قىسىم مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلار ۋە پېنسىيىگە چىققان ئوقۇتقۇچىلارنى يوقلاپ، ئۇلاردىن بايراملىق ھال سورىدى ھەمدە ئۇلارغا بەخىت تىلىدى. شۇنداقلا ئۇلار ئارقىلىق ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئوقۇتقۇچىلاردىن بايراملىق ھال سورىدى ھەمدە تەشەككۈرىنى بىلدۈردى.
ئاپتونوم رايونىمىز رەھبەرلىرى ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 8 – ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئالىي دەرىجىلىك ئېنگىلىز تىلى ئوقۇتقۇچىسى جاۋ لەن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 20 – ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ فىزىكا تەجرىبە ئوقۇتقۇچىسى پەرھات ئىسمائىل، ئۈرۈمچى چوڭلار مائارىپى ئىنىستىتۇتى فىلولوگىيە فاكۇلتېتىنىڭ لېكتورى گۈلنىسا، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىگىلىك باشقۇرۇش ئىنىستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى، دوكتور يېتەكچىسى چىن فاڭمىڭلارنىڭ ئۆيلىرىگە بېرىپ، ئۇلاردىن بايرىملىق ھال سورىدى ھەمدە ھال سوراش پۇلى بەردى. ئۈرۈمچى شەھەرلىك 8 – ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئالىي دەرىجىلىك ئېنگىلىز تىلى ئوقۇتقۇچىسى جاۋ لەن 2005 – يىلى راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان، دەپ دىئاگنوز قويۇلغان ئەھۋالدىمۇ، يەنىلا دەرس مۇنبىرىدە چىڭ تۇرماقتا. ئۈرۈمچى شەھەرلىك 20 – ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ فىزىكا تەجرىبە ئوقۇتقۇچىسى پەرھات ئىسمائىلنىڭ لايىھىلەپ ياساپ چىققان ئىككى يۈرۈش تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ فىزىكىسىدىكى كۆرسەتمە تەجرىبە قۇرۇلمىسى 2006 – يىلى دۆلەتنىڭ پاتېنت ھوقۇقىغا ئېرىشتى. ئۈرۈمچى چوڭلار مائارىپى ئىنىستىتۇتى فىلولوگىيە فاكۇلتېتىنىڭ لېكتورى گۈلنىسا 2004 – يىلى نەنجىڭدا بىلىم ئاشۇرۇۋاتقان مەزگىلدە، تۇيۇقسىز مېڭىسىگە قان چۈشكەچكە، ھازىر ئائىلىسىدا داۋالىنىۋاتىدۇ. شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىگىلىك باشقۇرۇش ئىنىستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى، دوكتور يېتەكچىسى چىن فاڭمىڭ 2005 – يىلى ئېلىمىزدىكى ئىگىلىك باشقۇرۇش بويىچە يىللىق ئون داڭلىق شەخسنىڭ ئىسمىنى ئاتاش مۇكاپاتىغا، شۇ يىلى يەنە ئېلىمىز بويىچە ئىگىلىك باشقۇرۇشتىكى يىللىق ئايال تۆھپىكار شەخس مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.
ئەركىنجان تۇراخۇن مۇنداق دېدى: ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتى — ئىنتايىن شەرەپلىك، مۇقەددەستۇر، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى يادرولۇق مەسىلە يەنىلا مائارىپ، مائارىپ ئىشلىرىنىڭ ياخشى تەرەققىي قىلىشىدىكى ھالقا — ئوقۇتقۇچىلار، مەن كۆپچىلىكنىڭ داۋاملىق ئەقىل – پاراسىتىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىز مائارىپىنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىغا تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
|