باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى
ئاپتونوم رايون بىلەن ھەربىي رايوننىڭ ئەسكەر قوبۇل قىلىش خىزمىتى تېلېۋىزىيە – تېلېفون يىغىنى ئېچىلدى
2008- 09- 10 11:33 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

     9 – سېنتەبر چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايون ئاپتونوم رايون بىلەن ھەربىي رايوننىڭ ئەسكەر قوبۇل قىلىش خىزمىتى تېلېۋىزىيە – تېلېفون يىغىنى ئېچىپ، بۇ يىلقى قىش پەسىللىك ئەسكەر قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى.

    بۇ يىل دۆلەت نۇقتىلىق ھالدا پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى تولۇق ئوتتۇرىدىن يۇقىرى ھەر دەرىجىلىك تۈرلۈك ئالىي مەكتەپنى بۇ يىل پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنى، جۈملىدىن ئادەتتىكى تولۇق كۇرس، ئالىي كەسپىي تېخنىكوم، ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ، ئادەتتىكى ئوتتۇرا تېخنىكوم، كەسپىي تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە تېخنىكا ئىشچىلار مەكتەپلىرىنى بۇ يىل پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىدۇ. ئەسكەر قوبۇل قىلىش خىزمىتى تەقسىماتىدا، ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە تۈرلۈك ئالىي مەكتەپ مەركەزلەشكەن ناھىيە، شەھەر، رايونلارغا مايىل بولىدۇ، جايلارمۇ ئەسكەر قوبۇل قىلىش جەريانىدا ‹‹يېشىل يول›› تەسىس قىلىپ، بۇ يىل ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئاۋۋال تىزىمغا ئېلىشى، سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈشى، سىياسىي ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشى كېرەك.

      ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى ياڭ گاڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى. ئۇ تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: ئەسكەر قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش — شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىم قۇرۇلۇشىنىڭ ئاساسىنى پۇختىلاپ، شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىمنىڭ جەڭگىۋارلىقىنى ئاشۇرۇپ، ‹‹شىنجاڭنى ئەمىن تاپقۇزۇپ، شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش، خەلقنى بېيىتىپ، چېگرانى مۇستەھكەملەش›› ستراتېگىيىلىك نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. جايلار تەرتىپنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ئۆتكەلنى چىڭ ئىگىلەپ، مائارىپ تارماقلىرى بىلەن ھەر قايسى ئالىي مەكتەپلەر تەشۋىقات، سەپەرۋەرلىك خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە مەدەنىيەت ساپاسى يۇقىرى، ھەربىي ۋە يەرلىكتە ئاممىباب قوللىنىدىغان كەسپىي تېخنىكىغا ئىگە ياشلارنى ھەربىي سەپكە كۆپلەپ قوبۇل قىلىشى كېرەك؛ رەھبەرلىك ۋە مەسئۇلىيەتنى كۈچەيتىپ، ئەسكەر قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى ئوڭۇشلۇق ئىشلىشى كېرەك. بۇ يىلقى قىش پەسىللىك ئەسكەر قوبۇل قىلىش خىزمىتىدىن بۇرۇن، جايلار يەنە نەپىقە بېرىش — ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتى ئەھۋالىنى بىر قېتىم تەكشۈرۈپ چىقىشى، ھەربىي ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ئېتىبار بېرىش پۇلى نەقلەشتۈرۈلمىگەنلىرىنى چىڭ تۇرۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، يەنە ئورۇنلاشتۇرۇلمىغانلار بولسا، ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك.

 شىنجاڭ ھەربىي رايونىنىڭ مۇئاۋىن قوماندانى جارقىن بېكىش يىغىنغا قاتناشتى. 

( مۇھەررىر : قـەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ